باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

فىلىپپىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى جۇڭگونىڭ يېڭى پاسپورتىغا تامغا بېسىشنى توختىتىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى(1)

2012.12.07 13:37        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىلىپپىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىن كۆچمەنلەر ئىدارىسى 4-دېكابىر فىلىپپىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەزكۇر دۆلەتتىكى ھەر قايسى ئايرودۇرۇم ۋە پورتلاردىكى تاموژنا خادىملىرىغا، بۈگۈندىن باشلاپ جۇڭگونىڭ يېڭىدىن تارقاتقان پاسپورتىغا تامغا بېسىشنى توختىتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

  فىلىپپىن كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى داۋىد 4-دېكابىر ئېلان قىلغان ئەسلەتمەنامىسىدە سۆزلەپ، كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى چوقۇم جۇڭگونىڭ يېڭىدىن تارقاتقان پاسپورتىغا تامغا بېسىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، دېگەن. ئۇ يەنە، ناۋادا جۇڭگو پۇقرالىرى يېڭى بەلگىلىمە كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى فىلىپپىن ۋىزىسىغا ئىگە بولغان بولسا، ئۇنداقتا فوتو باسمىسىغا تامغا ئۇرۇشى كېرەك، دېگەن.

  فىلىپپىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 3-دېكابىر ئىپادە بىلدۈرۈپ، جۇڭگونىڭ يېڭىدىن تارتقاتقان پاسپورتىدىكى خەرىتىدە جەنۇبىي دېڭىزنى ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەۋەسىگە كىرگۈزگەنلىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ يېڭىدىن تارقاتقان پاسپورتىغا تامغا باسماسلىق بەلگىلىمىسى بۈگۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ دېگەن بولۇپ، كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىمىز، دېگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، فىلىپپىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 212-211 نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، فىلىپپىنغا بارىدىغان جۇڭگو پۇقرالىرى چوقۇم فىلىپپىننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بىر دانە ۋىزا جەدىۋىلى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، جۇڭگو پۇقرالىرى فىلىپپىن چېگرىسىدىن كىرىپ-چىققاندا، تاموژنا خادىملىرى بۇ جەدىۋەلگە تامغا باسىدۇ. داۋىد ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ ۋىزا جەدىۋىلىنىڭ جۇڭگو پاسپورتىنىڭ ئىچىگە قىستۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە تامغا بېسىش بەلگىلىمىسىنىڭ پەقەت جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىپ-چىقىش، ۋىزىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ۋە ئۆزگەرتىشى بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە پاسپورتىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە