باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۈي لياڭيۈ: ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئومۇمىيلىق يۈكسەكلىكىدىن مىللەتلەر خىزمىتىگە ھەقىقىي ئەھمىيەت بېرىش

2012.12.07 13:47        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خۈي لياڭيۈ 4-دېكابىردىن 6-دېكابىرغىچە يۈننەندە خىزمەت تەكشۈردى.

  خي لياڭيۈ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىلگىرى كېيىن پوئېر شەھىرى، كۈنمىڭ شەھىرى، خۇڭخې خانى يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، يەرلىكنىڭ ئۆزگىچە كەسىپ تەرەققىياتىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. ئۇ دېھقان ئائىلىلىرىگە كىرىپ ھەر مىللەت ئاممىسىنى يوقلىدى، دېھقانلار ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى.

  خۈي لياڭيۈ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۈننەن ئۆلكىسى مىللەتلەر خىزمىتى تۈزۈلمە مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، يۈننەن ئالاھىدىلىكىگە ئىگە سىناق رايونى قۇرۇلۇش يولىنى تىرىشىپ تېپىپ، مەملىكەت بويىچە ھەقىقىي ئۈلگىلىك رول ئوينىشى كېرەك، گوۋۇيۈەندىكى ھەر قايسى تارماقلار ئومۇمىيلىقتىن چىقىش قىلىپ ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى كېرەك. بىرىنچىدىن، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تۈپ قىبلىنامە قىلىپ، سىناق رايونىنى مىلەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىل ئىجرا قىلىشنىڭ ئۈلگىسى قىلىش. ئىككىنچىدىن، تەرەققىياتنى تېزلىتىشنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، يۈننەننىڭ غەربى جەنۇبنى ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم باشلامچى بولۇش سىياسىتى، چېگرا رايونلارنى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش، نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنى يۆلەش قاتارلىق مەخسۇس پىلاننى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئۆزگىچە تەرەققىيات، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئۈچىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بىرىنچى مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئىككى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ، چوڭقۇر، ئۇزاق مۇددەت قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش. تۆتىنچىدىن، ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ زور تەرەققىياتى، زور گۈللىنىشىنى گەۋدىلىك يارقىن نۇقتا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە