باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئاساسىي قانۇننىڭ جىنى ۋە نوپۇزى ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە

2012.12.11 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   شى جىنپىڭ ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئاساسىي قانۇننىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە يىغىنىدا قىلغان سۆزى توغرىسىدا

  «ئاساسىي قانۇننىڭ جىنى ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىمۇ ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. بىز ئاساسىي قانۇننى يۈرگۈزۈش خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇشىمىز، ئاساسىي قانۇننى ئەتراپلىق يۈرگۈزۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىمىز لازىم.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئاساسىي قانۇننىڭ جىنى ۋە كۈچىنىڭ قەيەردىلىكىنى ئېنىق شەرھلەپ بەردى، شۇنداقلا بىزگە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە ئۇل خىزمىتىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ تۈگۈنى ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. ئاساسىي قانۇننىڭ كۈچى ئۇنىڭ يۈكسەك ئورنىدىلا بولۇپ قالماي، بەلكى ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلۈشىدە. مەيلى ئاساسىي قانۇننىڭ ئەڭ يۇقىرى قانۇنىي ئورنى، قانۇنىي نوپۇزى، قانۇنىي ئۈنۈمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش جەھەتتە بولسۇن، مەيلى ئاساسىي قانۇننىڭ تۈپ خاراكتېرى، ئومۇمىيلىقى، تۇراقلىقلىقى، ئۇزۇن مۇددەتلىكىنى تەكىتلەش جەھەتتە بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي قانۇننىڭ ھەممىدىن يۈكسەك ئورنىنى قايتا بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان غايىنى تۇرغۇزىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى بىزنىڭ ئاساسىي قانۇنغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان پۇختا ئەمەليەتكە ئايلاندۇرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە