- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز بولۇشىنى تەكىتلدى
2012.12.12 15:03 مەنبە: خەلق تورى
|
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شېنجېندىكى ليەنخۇاشەن باغچىسىدا ئەينى يىللاردا ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم يولداشلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى لەن خۇڭگۇاڭ فوتوسى)
|
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر گۇاڭدۇڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا گۇاڭدۇڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتكە ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى خىتابنامىسى، يېڭى سەپەرۋەرنامىسىنى ئېلان قىلىدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت يولىدىن قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە