باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر 18–قۇرۇلتاي روھىنى يەتكۈزۈش لېكسىيە ئۆمىكى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا لېكسىيە سۆزلەيدۇ

2012.12.12 13:49        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە 18–قۇرۇلتاي روھىنى يەتكۈزۈش لېكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18– قۇرۇلتاي روھىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش، ئۈلگىلىك لېكسىيە سۆزلەش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىغا قارىتىلغان لېكسىيەگە يېتەكچىلىك قىلىش، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا 18–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «پارتىيە 18–قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىپ ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 10–دېكابىردىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، ئۈلگىلىك لېكسىيە سۆزلەيدۇ.

  مەركەز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە 18–قۇرۇلتاي روھىدىن لېكسىيە سۆزلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى . ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ئۈلگىلىك لېكسىيە سۆزلەشكە مەخسۇس مۇھىم تەستىق سالدى . ئۇ مۇنداق دېدى : باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە يولداش ليۇ يۈنشەننىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئەتراپلىق تەشكىللەپ، ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىلگىرىكىلەرنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، باي ھەم مەزمۇنلۇق، چۈشىنىشلىك ئۇسۇل ۋە شەكىللەرنى قوللىنىپ، لېكسىيەنىڭ «سۆزى ئاددىي، مەنىسى چوڭقۇر، كىشىلەر ئاسان قوبۇل قىلىدىغان»، جايىدا، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۈلگىلىك لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي– قانۇن كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن سېكرېتارى گو يۇڭخۈي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ كېراڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ لى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن–تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى جاڭ شياۋلى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى گاۋ جيەنلۇڭ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋەلى باراتتىن ئىبارەت ئالتە يولداش بار .

  مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}