باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تالىبان رەھبەرلىرى قىزلىرىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىپ، چەكلەش پەرمانىغا خىلاپلىق قىلدى

2012.12.12 13:31         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بىر نەچچە ئافغانىستانلىق قىز مۇساپىرلار لاگېرىدا كىتاب ئوقۇماقتا
  «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 10-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 9-دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: تالىبان قىزلارنىڭ مائارىپ جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىزلىرىنى خەلقئارا ئورگان باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرگە ئاپىرىپ بەردى.

  ب د ت بالىلار فوندىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق سابىق ۋەكىلى لويىس جورج ئارسىنېلتنىڭ ئېيتىشىچە، 1996-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە، تالىبان قىزلارنىڭ مەكتەپكە بېرىشىنى چەكلەش پەرمانى چۈشۈرگەن ، چۈنكى ئۇلار قىزلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ-كېلىش يولىدا تالىبان ئەسكەرلىرىنىڭ دىققىتىنى چېچىۋېتىشتىن ئەنسىرىگەن.

  گەرچە چەكلەش بۇيرۇقى بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇنلىغان غەيرىي ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، مەھەللىلەرنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلار يەنىلا ئافغانىستاننىڭ مەلۇم رايونلىرىدا داۋاملىق بالىلارنى مائارىپتىن بەھرىمان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم تالىبان رەھبەرلىرىمۇ بالىلىرىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرگەن ھەتتا بالىلىرىنى مەخسۇس مەكتەپتە ئورۇنلاشتۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە