باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ج خ ئالاھىدە ساقچىلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جەڭ ماھارىتىدە بەسلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2012.12.11 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-دېكابىر، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتى ئالاھىدە جەڭ تارماق ئەترىتى جەڭ ماھارىتى مەشىقى قىلماقتا.

  10-دېكابىر، شىنجاڭدىكى ج خ ئالاھىدە ساقچىلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جەڭ ماھارىتىدە بەسلىشىش پائالىيىتى بىڭتۇەن قوماندانلىق ئىشتابى مەشىق بازىسىدا ئۆتكۈزۈلدى ، شىنجاڭدىكى 15 ۋىلايەت (ئوبلاست) ، شەھەردىن كەلگەن 24 ئالاھىدە ساقچى ۋەكىللەر ئۆمىكى ، 288 نەپەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالاھىدە ساقچىسى ماھارەتتە بەسلىشىشكە قاتناشتى .

  مۇسابىقىگە قاتناشقان ئالاھىدە ساقچىلار تۆت كۈن ۋاقىت ئىچىدە ، توسقۇنلۇق قىلىش تاكتىكىسى بويىچە قارىغا ئېتىش، تاپانچا بىلەن قارىغا ئېتىش ، رىفلېلىق مىلتىق بىلەن مۆكۈنۈپ تۇرۇپ قارىغا ئېتىش ، ئاپتوماتىك رىفلېلىق مىلتىق بىلەن كېچىدە قارىغا ئېتىش ، ئۈچ كىلومېتىر دالا مەشىقى ، 4X50 مېتىرلىق كۈچ ئۇلاپ سۇدىن ئۈزۈپ ئۆتۈش ، يامىشىپ چىقىش ، سۈرۈشتە قىلىش ۋە تەكشۈرۈش تاكتىكىسى قاتارلىق سەككىز تۈردە ماھارەت سىنىشىپ رىقابەتلىشىپ ، شىنجاڭ ج خ ئالاھىدە ساقچىلىرىنىڭ ھالقىلىق پەيتتە مۇستەھكەم ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلىپ ، قىيىنچىلىقنى يېڭشتەك ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى نامايان قىلىدۇ .

  بۇ قېتىمقى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ج خ ئالاھىدە ساقچىلىرىنىڭ ‹‹ ماھارەتتە بەسلىشىش ›› ى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى تەشكىللەنگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق پۈتۈن ئاپتونوم رايون خاراكتېرلىك بەسلىشىشتۇر ، شىنجاڭ ج خ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ ، زوراۋانلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇپ ، تاسادىپىي ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرىدىغان ئۈنۈملۈك پائالىيەتتۇر .

  ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئاپتونوم رايوننىڭ خ خ ئالاھىدە ساقچىلىرى خىزمەت يىغىنىنى ئېچىپ ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ج خ ئالاھىدە ساقچىلىرىنىڭ ‹‹ ماھارەتتە بەسلىشىش ›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن . جايلاردىكى ئالاھىدە ساقچى ئەترەتلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، كۈچلۈك جىسمانىي كۈچ ۋە ئىقتىدار ماھارەت مەشىقى ۋە قاراتمىلىق ئەمەلىي جەڭ تېخنىكىسى مەشىقىنى قانات يايدۇرۇپتۇ . چوڭ ھەربىي تەلىم پائالىيىتىنىڭ كەڭ قانات يايدۇرۇلۇشى ئارقىلىق ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇپ، تاسادىپىي ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، زوراۋانلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپتۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە