باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىيوردانىيەدە SARSقا ئوخشاپ كېتىدىغان كېسەللىك بايقالدى

2012.12.12 10:21        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) يېقىندا، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرگە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش تارقىتىپ، ئىيوردانىيەدە سارس(SARAS)قا ئوخشىشىپ كېتىدىغان يېڭى تىپلىق ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئىككى بىمارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ يىل 4-ئايدىمۇ، ئىيوردانىيەدىكى بىر دوختۇرخانىدا، يېڭى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بار 12 بىمار بايقالغان بولۇپ، ئىككى بىمار بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن، قالغان ئون بىمارنىڭ مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقى، شۇنداقلا ۋىرۇسنىڭ قانداق تارقىلىدىغانلىقى تەتقىقاتىدا، ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغان.

  نۆۋەتتە، ئوتتۇرا شەرقتىكى سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە ئىيوردانىيەدە توققۇز ئادەمنىڭ مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولغان، بىر نەچچە بىماردا جىددى خاراكتېرلىك بۆرەك ئاجىزلاش ئالامىتى كۆرۈلگەن، قالغان بىمارلار ئېغىر ئۆپكە ياللۇغى ۋە باشقا نەپەس يولى سىستېمىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىيوردانىيەدە ئۆلگەن بىمار ئىچىدە، بىر ئايال كىشى بار بولغاندىن سىرت، قالغان مەلۇم بولغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەر زاتى ئىكەن.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ يېڭى ۋىرۇسنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن باشقا جايلىرىغىمۇ تارقالغانلىقىنى ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەردىن، ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە قوشنا دۆلەتلىرىگە بېرىپ-كېلىدىغان، سەۋەبى نامەلۇم ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىردىن-بىر تەكشۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە