- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئىقتىسادى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنى ئېچىلدى
2012.12.10 16:31 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
|
2012-يىللىق 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئىقتىسادى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى
|
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ، ئۈرۈمچى ، 8-دېكابىر خەۋىرى : 2012-يىللىق 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئىقتىسادى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى ، ھەر كەسىپلەردىن 600 دىن ئارتۇق كىشى بۇ يەردە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلدى .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى ، شىنجاڭ داڭلىق ماركا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جاڭ سىشۆ ، دۇنيا يېشىل مەبلەغ سېلىش ، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى يۈەن جياۋ ، دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى سۈپەتلىك مالىيە مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دېڭ تيەنزو ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى ، شىنجاڭ داڭلىق ماركا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى چى جوڭچىڭ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش ، تەرەققىيات ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ، ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋېنمىڭ ، شىنجاڭلىق ئىقتىسادشۇناس باۋ دۈنچۇەن قاتارلىق رەھبەرلەر ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملار يىغىنغا قاتناشتى .
بۇ نۆۋەتلىك ئۇچرىشىش يىغىنىنى شىنجاڭ گېزىتى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، بىڭتۇەن سودا-سانەئەتچىلەر بىرلەشمىسى ، دۇنيا يېشىل مەبلەغ سېلىش ، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ، شىنجاڭ شەھەر گېزىتى ، شىنجاڭ يىنفېڭ بەيشېڭ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان .
دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى سۈپەتلىك مالىيە مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دېڭ تيەنزو ، شىنجاڭدىكى داڭلىق ئىقتىساشۇناش باۋ دۈنچۈەن ، جۇڭگو رايونلار ئىقتىسادى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى ۋاڭ ۋېنمىڭ قاتارلىقلار ‹‹پەن-تېخنىكا ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ئېكولوگىيە مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى ! ›› ، ‹‹ شىنجاڭنىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشى ›› ، ‹‹ رايونلار ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى ! ›› دېگەن تېمىلاردا ئايرىم-ئايرىم نۇتۇق سۆزلىدى .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە