باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۆمۈر داۋامەتنىڭ شېئىر، ھۆسنخەت ئەسەرلىرى ياۋروپادا ئۆتكۈزۈلگەن سەييارە كۆرگەزمىدە ئالقىشقا ئېرىشتى

2012.12.12 13:49        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ دۇنيا جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى باش بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۆمۈر داۋامەتنىڭ تىنچلىق، دوستلۇق، ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى شېئىر، ھۆسنخەت كۆرگەزمىسى» ئىجابىي باھاغا ئېرىشىپ، ئالقىشقا سازاۋەر بولغان.

  كۆرگەزمىنىڭ پارىژدىكى باشلىنىش مۇراسىمىدا جۇڭگونىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كۇڭ چۇەن نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە تەسىرى كەڭ بۇ كۆرگەزمە ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ياۋروپا تاماشىبىنلىرىغا تەقدىم قىلغان نادىر مىللىي مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتىدىكى تارىخىي نەتىجىلىرىنىڭ دۇنياۋى ئىسىم كارتىسى.

  كۆرگەزمە 9–نويابىر بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەندە، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار، شۇجايدىكى دوستلار ئارقا– ئارقىدىن كېلىپ كۆرگەزمىنى كۆردى.

  13–نويابىر ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلگەندە، ئاۋسترىيە پاررىيە شارىباخ شەھىرىنىڭ باشلىقى بائۇمگارتنېر، يۇقىرى ئاۋسترىيە ئىشتاتى باشلىقىنىڭ كاتىپى باربارا باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بائۇمگارتنېر مۇنداق دېدى: تۆمۈر داۋامەتنىڭ شېئىرلىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىكەن، ئۇ باشتىن – ئاخىر خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقاچقا، شېئىرلىرىنى ھازىرقى زاماندىكى مەدەنىيلىك بىلەن تىنچلىقنى مەدھىيەلەيدىغان يېقىملىق كۈي دېيىشكە بولىدۇ.

  كۆرگەزمە يەنە ب د ت باش كاتىپى بان كىمون، مالايشىيا باش مىنىستىرى ناجىب، سابىق زۇڭلىسى ماخاتىر قاتارلىق دۇنيادىكى مۇھىم سىياسىي ئەربابلار ۋە ياۋروپادىكى جۇڭگوشۇناسلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماختىشىغا ئېرىشتى. ياۋروپادىكى تەسىرى بار خەنزۇچە گېزىت «ياۋروپا ۋاقىت گېزىتى» بۇ ھەقتە ئارقا–ئارقىدىن رەڭلىك بەت چىقاردى. فىرانسىيەدىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى تۆمۈر داۋامەتنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى شېئىرلىرىنى شۇ جايدىكى خەنزۇچە مەكتەپلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزىدۇ؛ گېرمانىيەدىكى جۇڭگوشۇناسلارمۇ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىپ، ياۋروپادا تارقىتىشقا تەييارلاندى.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى دۆلەت مىللەتلەر كومىتېتى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، دۇنيا جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى باش بىرلەشمىسى، پارىژ جۇڭگو مەدەنىيىتى مەركىزى، بېرلىن جۇڭگو مەدەنىيىتى مەركىزى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە