باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاقىلىق ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشتە 1000 ئېغىزدىن كۆپرەك ئۆيگە دەز كەتتى، 1000غا يېقىن كىشى ئاپەتكە ئۇچرىدى

2012.12.12 13:46        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8–دېكابىر كەچقۇرۇنغىچە بولغان ئاپەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىستاتىستىكا مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىدە 5.1 بال يەر تەۋرەپ، 1000 ئېغىزدىن كۆپرەك ئۆيگە دەز كەتكەن، 1000غا يېقىن كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان.

  چاقىلىق ناھىيەسى تۇرۇشلۇق بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، چاقىلىق ناھىيەسىدە 7–دېكابىر سائەت 22دە 5.1 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، 8–دېكابىر سائەت 0 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە يەنە 1.8 بال ۋە 3.4 بال ئىككى قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ تۆت مۇتەخەسسىسى ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، 8–دېكابىر ئەتىگەندە ئاپەت رايونىغا بارغان.

  چاقىلىق ناھىيەلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسى تەمىنلىگەن ئاپەت ئەھۋالى ئومۇمىي ئىستاتىستىكا مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8–دېكابىر سائەت 19غىچە، يەر تەۋرەشتە 1105 ئېغىز ئۆيگە، 4100 مېتىر قورۇ تامغا دەز كەتكەن، 23 مېتىر قورۇ تام ئۆرۈلگەن، 286 ئائىلىدىكى 996 كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان، ناھىيە بازىرىدىكى قىسمەن مېھمانخانا، مەكتەپ، ئىشخانا بىنالىرىنىڭ تېمىغا دەز كەتكەن، لېكىن ئۆلۈم–يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. يەر تەۋرەش مەركىزى تاغلىق رايوندا بولغاچقا، ئاپەت ئەھۋالى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

  يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، قىسقىغىنا ئىككى سائەت ئىچىدە چاقىلىق ناھىيەسى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىش خىزمىتىنى دەرھال ئورۇنلاشتۇرغان، چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى دەرھال يەر تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن ئۇتان يېزىسى، تىكەنلىك يېزىسى، ۋاششەرى بازىرى، چاقىلىق ناھىيەسى بازىرىغا كېلىپ نەق مەيداندا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. چاقىلىق ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى خەتەرلىك ئۆيلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، كەنتتە بىر مۇ ئائىلە چۈشۈپ قالماسلىق، بىرەر يەرنىمۇ قالدۇرماسلىقنى تىرىشىپ ئورۇندىغان ھەم يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقىتلىق تۇرالغۇغا يۆتكىگەن؛ سۇ، توك، پار، گاز بىلەن تەمىنلەش تارماقلىرى يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان.

  مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە