باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەي جىنخۇا قاتارلىق تۆت ئەزا مەشھۇر تۆھپە كۆرسىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2012.12.10 16:35        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا تىك تاك توپ بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا سەييارە مۇسابىقىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئارلىقىدا ئالاھىدە بىر مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو تىك تاك توپ كوماندىسىنىڭ سەي جىنخۇا قاتارلىق تۆت ئەزاسى خەلقئارا تىك تاك توپ بىرلەشمىسى تەرىپىدىن مەشھۇر تۆھپە كۆرسىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەي جىنخۇا، تىك تاك توپ پەي توپ مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ فىڭيەن، جۇڭگو تىك تاك توپ ئەرلەر كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى ليۇ گولياڭ، ئاياللار كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى شى جىخاۋلاردىن ئىبارەت.

  مۇكاپاتلاش سۆزىدە خەلقئارا تىك تاك توپ بىرلەشمىسى جۇڭگو تىك تاك توپ كوماندىسىنىڭ لوندۇن ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە تۆت ئالتۇن مىدالنى قولغا كەلتۈرگەنلىك نەتىجىلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، جۇڭگو تىك تاك توپ جەمئىيىتىنىڭ دۇنيا تىك تاك توپ ھەركىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، باشقا جەمئىيەتلەرنىڭ تەنھەركەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىش جەھەتتە قوشقان تۆھپىسىغا ئاپرىن ئېيىتىلدى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە