باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گرۇزىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى: گىرۇزىيە بىلەن رۇسىيە ئەمەلدارلىرى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئۇچرىشىشى مۇمكىن

2012.12.11 13:29        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گرۇزىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مايا پانكىيېز تۈنۈگۈن گرۇزىيەنىڭ رۇسىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى بىلەن ئۇچرىشىشى مۇمكىن دەپ جاكارلىدى، ئەمما قەيەردە ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئېيتمىدى.

  گرۇزىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى گرۇزىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئالاقىلەشكەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  گىرۇزىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى 1-نويابىر گرۇزىيەنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ئابىشېزنى ئۆزىنىڭ ھەمدە گىرۇزىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلىدى. ئابىشېز 2000-يىلىدىن 2004-يىلغىچە گرۇزىيەنىڭ موسكىۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان.

  رۇسىيە بىلەن گىرۇزىيە ئۇزۇندىن بۇيان ئابغازىيە ۋە جەنۇبىي ئوستى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن نارازىلىشىپ كەلگەن ئىدى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە