باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2012-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئوسلۇدا ئۆتكۈزۈلدى

2012.12.11 13:26        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2012-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى تۈنۈگۈن نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى باراسسو، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋان رۇپمېي، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى شۇلتېس ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن مۇكاپات ئالدى.

  فىرانسىيە پىرېزدېنتى ھوللاندى، گېرمانىيەنىڭ باش مىنىستىرى مېرگېل قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى شۇ كۈنكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىنىڭ رەئىسى ياگېلاند 12-ئۆكتەبىر 2012-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا بېرىلىدۇ دەپ جاكارلىغان ئىدى. ياگېلاند مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى نۆۋەتتە ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە خېلى زور جەمئىيەت داۋالغۇشىغا دۇچ كەلمەكتە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بۇ جەرياندا مۇقىم رول ئويناپ ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئۇرۇش قۇرۇقلۇقىدىن تىنچ قۇرۇقلۇقىغا ئايلىنىشىغا ياردەم بەردى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە