9-دېكابىر، مودېللار شياڭگاڭ جيەنشازۈي ۋىكتورىيە پورتى قىرغىقىدا مودېلچە ماڭدى. شۇ كۈنى، چوڭ تىپتىكى مودا كىيىم كۆرگەزمىسى «دۇنيا مودا ئاسما كۆۋرۈك ـــ 2012-يىلدىكى شياڭگاڭ» شياڭگاڭ جيەنشازۈي دېڭىز ساھىلى كارىدورىدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىم مودېلچە ماڭغان ئاسما كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3 كىلومېتىر بولۇپ، 340 تىن ئارتۇق مودېل ۋىكتورىيە پورتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ مودېلچە مېڭىپ، «يەر شارىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مودا ئاسما كۆۋرۈك»نىڭ يېڭى جىنىس رېكورتىنى ياراتتى.