- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
گانادىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە پىرېزدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ
2012.12.11 13:28
گانادىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە يېڭى ۋەتەنپەرۋەرلەر پارتىيەسى 9-دېكابىر سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان ھازىرقى پىرېزدېنت ماھامانىڭ داۋاملىق پىرېزدېنت بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلمايمىز، دېدى.
باياناتتا ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نەتىجە كۆپ سانلىق سايلىغۇچىلارنىڭ ئىپادىسىنى ئەكس ئەتتۈرمىگەن دېيىلدى. يېڭى ۋەتەنپەرۋەرلەر پارتىيەسى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھازىرقى پىرېزدېنت ماھاما ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ خەلقنىڭ ساداسىغا ھۆرمەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
گانا ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئىدى، 1957-يىلى مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان. 1992-يىلى ھەربىي مۇستەمىلىكىدىن كېيىن، مەملىكەتلىك دېموكراتىك كونگېرسلار پارتىيەسى بىلەن يېڭى ۋەتەنپەرۋەرلەر پارتىيەسى نۆۋەت بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە