باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىدە 5.1 بال يەر تەۋرىدى ئاپەتكە ئۇچرىغان 265 نەپەر ئامما بىخەتەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2012.12.10 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9-دىكابىر، مۇخبىرنىڭ چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، 7-دىكابىر سائەت 22:08 ئۆتكەندە چاقىلىق ناھىيەسىدە 5.1 بال يەر تەۋرىگەن. ھازىرغىچە بۇ ناھىيەنىڭ ئۇتام يېزىسى، تىكەنلىك يېزىسى، ۋاششەرى بازىرى قاتارلىق جايلاردا 1105 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 286 ئېغىز ئۆيگە دەز كەتكەن، 4123 مېتىر قورشاۋ تام ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما 70 ئائىلىدىن بولۇپ، 265 كىشىگە يەتكەن.

  نۆۋەتتە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ھەممىسى بىخەتەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنى تەشكىللەپ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ئۈچۈن بىخەتەرلىك چېدىرى، يوتقان-كۆرپە، گۈرۈچ، ئۇن، ماي قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي بۇيۇملىرىنى ۋاقتىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا يەتكۈزۈپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاپەت ئەھۋالىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چاقىلىق ناھىيەسىدە «26-نويابىر» ۋە «7-دېكابىر»دىكى يەر تەۋرەشتە، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى يەر تەۋرەشنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ئازايتقان. نۆۋەتتە خىزمەت ئەترىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە