- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
خېنەننىڭ شاڭچيۇ شەھىرىدە ماشىنا ھادىسىسى يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى، ھايات قالغانلار باشقا يولۇچىلارنى قۇتقۇزۇپ چىقتى
2012.12.11 14:38 مەنبە: خەلق تورى
9-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، خېنەننىڭ شاڭچيۇ شەھىرىدىن جېڭجۇغا قاراپ يولغا چىققان بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى توكسىكلىت بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ، مىنچۈەن ناھىيەسى نەنخۇا يولى بۆلكىنىڭ جەنۇبىي يان تەرىپىدىكى 3 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتكەن، مۇزدەك سوغۇق سۇ ھەش-پەش دېگۈچە ماشىنا ئىچىگە يامراپ، 33 ئادەم ئولتۇرغان ئاپتوبۇس سۇغا غەرق بولغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، مىنچۈەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قاتارلىق تارماقلار تېزلىكتە قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان. مۇخبىر خەۋەر بەرگەنگە قەدەر، قۇتقۇزۇش-داۋالاش نەتىجىسىدە ھادىسىگە ئۇچرىغانلاردىن 23 ئادەم خەتەردىن قۇتۇلغان، توكسىكلىت ھەيدىگۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە