باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەيدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش مەخسۇس يىغىنى ئاچىدۇ

2012.12.10 09:49        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەيدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بىرلىشىپ 2012–يىلى دېكابىردىن 2013–يىلى 31–مارتقىچە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەيدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە يۈزلەنگەن 2–نۆۋەتلىك خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش مەخسۇس يىغىنىنى ئاچىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە يۈزلىنىپ قانات يايدۇرغان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش مەخسۇس پائالىيىتىدە توردا قوبۇل قىلىش ئاساس قىلىنىدىكەن. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مەملىكەتلىك خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئۇچۇرى تورى، جۇڭگو ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى تورى، جۇڭگو ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تورى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى تور بېتى ئېچىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى مەركەزلىك ئېلان قىلىدىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورىمۇ شىنجاڭدىكى قىسمەن مەركەز كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ رەتلەپ ئېلان قىلىدىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاساسلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تور بېكەتلىرى، ئالىي مەكتەپ تور بېكەتلىرىمۇ كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئورتاق بەلگىسىنى ئاسىدىكەن ھەم يۇقىرىدىكى تور بېكەتلىرىگە ئۇلاپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاسان، تېز ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى جايلار، ئالىي مەكتەپلەر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش مەخسۇس پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىدىكەن، 2013–يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغانلار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنى، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنىدا مۇلازىمەت قىلىۋاتقانلارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىقا نۇقتىلىق تەشكىللەيدىكەن.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە