باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2013-يىلدىكى يەتتە بايرامدا 29 كۈن دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىلىدۇ

شىنجاڭدا تۆت كۈن ئارتۇق دەم ئالىدۇ

2012.12.11 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 10-دېكابىر 2013-يىللىق بايرام ئورۇنلاشتۇرۇشنى تارقاتقان بولۇپ، پۈتۈن بىر يىلدىكى يەتتە بايرامدا 29 كۈن دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىلىدىغان كۈن سانى بۇلتۇرقىدىن ئىككى كۈن ئاشقان بولۇپ، ئەگەر قۇربان ھېيت ۋە روزى ھېيتنى قوشقاندا شىنجاڭلىقلار پۈتۈن بىر يىلدا 30 كۈندىن ئارتۇق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىكەن.

  ئەڭ قالتىس بايرام يەنىلا تاۋۇز چاغىنى بىلەن دۆلەت بايرىمىبۇ يىل يېڭى يىل بىلەن باھار بايرىمى 1-ئايدا كەلگەنلىكتىن، خىزمەت كۈن سانى 17 كۈن بولۇپ، «تارىختىكى بەخت تۇيغۇسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئاي»دەپ ئاتالغان. كېلەر يىللىق ئورۇنلاشتۇرۇش بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، يېڭى يىل، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغانلىرىدا ئۈچ كۈندىن قويۇپ بېرىلىدۇ. باھار بايرىمى، دۆلەت بايرىمىدا يەتتە كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ.

  شىنجاڭدا نەچچە كۈن ئارتۇق قويۇپ بېرىلىدۇ

  شىنجاڭلىقلار ، يۇقىرىقى بايراملاردىن باشقا، يەنە تۆت كۈن ئارتۇق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، روزى ھېيتتا بىر كۈن، قۇربان ھېيتتا 3 كۈن.

  2013-يىللىق روزى ھېيت 8-ئاۋغۇست پەيشەنبە بولۇپ، بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، بايراملىق ئورۇنلاشتۇرۇش بەلكىم 11-چېسلادىكى يەكشەنبىلىك دەم ئېلىش 9-چېسلا جۈمە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن، ئۇنداقتا 8، 9، 10-چېسلا ئۇدا ئۈچ كۈن ئارام ئېلىنىدۇ. قۇربان ھېيت 15-ئۆكتەبىر بولۇپ، بەلگىلىمە بويىچە مەيلى قانداقلا ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن شىنجاڭدا نەچچە كۈن ئارتۇق دەم ئېلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە