باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مويەن نوبىل مۇكاپاتىنى ئالدى

2012.12.11 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سۈرەتتە، 10-دېكابىر، شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولىمدىكى مۇزىكا زالىدا ئېلىپ بېرىلغان 2012-يىللىق نوبىل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا، جۇڭگولۇق يازغۇچى مويەن (ئالدىدا) نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فوتوسى)
  خەلق تورىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 2012-يىللىق نوبىل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى 10-دېكابىر چۈشتىن كېيىن شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولىمدىكى مۇزىكا زالىدا ئۆتكۈزىلدى. شىۋېتسىيە پادىشاھى كارىل XVI گۇستاف جۇڭگولۇق يازغۇچى مويەنگە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ۋە كىنىشكىسىنى تارقىتىپ بەردى.

  نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پېرل ۋېستبېرگ مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، مويەننىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ئىنسانلار تارىخىنى كېسىپ ئۆتكەن، ئۇ مۇنەۋۋەر ھەقىقەتنى يازغۇچى، ئۇنىڭ ئەسىرى 20-ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ تارىخىنى تەسۋىرلىگەن، دېدى.

  مۇراسىمغا شىۋېتسىيە خان جەمەتى، نوبىل مۇكاپاتىنى باھالاش ئاپپاراتى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمەكلىرى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى زاتلاردىن بولۇپ 1500 ئادەم قاتناشتى. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سىتوكھولىم شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدە ئەنئەنە بويىچە نوبىل كەچلىك زىياپىتى ئېلىپ بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە