باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشى 60 يىللىق تىنچلىقنى قالايمىقان قىلىۋېتەرمۇ؟(1)

2012.12.11 10:10        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن 10-دېكابىردىن 22-دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا، «چولپان ئۈچ» ناملىق 2-باسقۇچلۇق سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىدۇ، بۇ ئىش دۇنيانىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇنداقتا مۇشۇ بىر سۈنئىي ھەمراھ 60 يىللىق تىنچلىقنى قالايمىقان قىلىۋېتەرمۇ؟

  دۇنيادىكى نۇرغۇن تاراتقۇلار چاۋشيەننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش پىلانى ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس، كىم جۇڭئۇننىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققىنىغا بىر يىل بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك كۈچىنى كۆرسىتىدىغان ۋاقتى كېلىپ قالدى دەپ قارىدى. بىر چوڭ راكېتانى ئاسمانغا قويۇپ بېرىشتىنمۇ ياخشى ئۇسۇل بارمۇ؟ ئامېرىكا «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى» 1-دېكابىر چاۋشيەننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشتىكى يېڭى ھەرىكىتىگە مۇشۇنداق باھا بەردى. بۇ-غەربنىڭ بۇ ئىشنى چۈشەندۈرۈشتىكى تىپىك كۆز قارىشى، چاۋشيەن بۇ خەۋەرنى جاكارلىغان چاغدىلا، بۇ قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئېنىقلىقىنى كۈچلۈك ئىسپاتلىغان.

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى تورى داڭلىق سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى تەھلىل قىلىش مۇتەخەسسىسى بېل مۇداينىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئالدىنقى قېتىم قويۇپ بېرىش مەغلۇب بولغىنىغا نەچچە ئاي بولمايلا، يەنە مۇشۇنداق چوڭ كۆلەملىك قويۇش بېرىشكە تۇتۇش قىلىش-چاۋشيەنگە نىسبەتەن مىسلىسىز ئىش دېدى.

  كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى چاۋشيەننىڭ راكېتا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، كورىيەنىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىش، كورىيە جەمئىيىتىنى پارچىلاش غەرىزى ناھايىتى روشەن دېدى. كورىيە پىرېزىدېنتى لى مۇڭباك 2-دېكابىر چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم كورىيە مۇھىم سايلام ئۆتكۈزسە چاۋشيەن ئارىلاشماي قالمايدۇ. لېكىن چاۋشيەن پىرېزىدېنت سايلىمىدىن بۇرۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، سايلامغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا چاۋشيەن كورىيە بىلەن ئامېرىكىنى تېخىمۇ جىددىي بىخەتەرلىك خەۋپى دەپ قارايدۇ دېيىلدى. كورىيە دوڭگۇك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى گاۋ يۈخۇەن راكېتانى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەندە، چاۋشيەننىڭ كورىيە، ئامېرىكىغا شەرت قويۇش ئىقتىدارى ئۆسىدۇ دېدى.

  ياپونىيە «يۇمىئورى خەۋەرلىرى» گېزىتى چاۋشيەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1-دېكابىر كىم جۇڭئىلنىڭ 1974-يىلى ئىزباسار قىلىپ بېكىتىلگەن كېيىنكى نۇتقىنى ئاڭلاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى. بۇ ئوبزوردا بۇ-چاۋشيەننىڭ كىم جۇڭئىلنىڭ ئاۋازىنى 2-قېتىم ئاشكارا ئاڭلىتىشى بولۇپ، ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ دېيىلدى. كورىيە «شەرقىي ئاسىيا گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا چاۋشيەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، ئىچكى ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەشنى ئۈمىد قىلىشى مۇمكىن دېيىلدى. چاۋشيەن سۈنئىي قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى گېپىدە بىز كىم جۇڭئىلنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئىش قىلدۇق دېدى. چاۋشيەن پات ئارىدا سابىق رەھبەر كىم جۇڭئىل ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ. كورىيە مۇتەخەسسىسى گاۋ يۈخۇەن چاۋشيەن كۈچلۈك، گۈللەنگەن، قۇدرەتلىك يىلنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، 4-ئايدىكى قويۇپ بېرىش مەغلۇبىيىتىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنى ئويلاشقاندەك تۇرىدۇ دېدى. ئامېرىكا «خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ تور بېكىتىدە بۇ-بىر قېتىملىق سىياسىي مۇددىئاغا تولغان قويۇپ بېرىش دېيىلدى. خەۋەردە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىنىگە بىر يىل توشاي دېگەن كىم جۇڭئۇنمۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى قاتتىق مەيداندىكىلەرنىڭ سىياسىي بېسىمىغا ئىنكاس قايتۇرماقچى دېيىلدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە