باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دەۋھە كىلمات يىغىنىدىكى خوشاللىق ۋە قايغۇ(1)

2012.12.10 16:40        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كەسكىن، جىددىي سۆھبەتتىن كېيىن، دەۋھە كىلىمات يىغىنى 8-دېكابىر قارار ماقۇللاپ بولغاندىن كېيىن ئاياغلاشتى. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا، سۆھبەت بىر قىسىم نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئىلگىرىكى كىلىمات يىغىنلىرىغا ئوخشاش، يىغىندا كەلگۈسىگە يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىلەر ئېلىپ قويۇلدى، بۇنىڭدا خۇشاللىقمۇ بار، قايغۇمۇ بار.

  يىغىندا ئېرىشكەن ئەڭ چوڭ نەتىجە شۇكى، 2013-يىلدىن باشلاپ «كىيوتو كېلىشىمنامە»نىڭ 2-ۋەدە باسقۇچىنى ئىجرا قىلىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى؛ 2-ۋەدە باسقۇچىنىڭ مۇددىتى 8 يىلغا بېكىتىلدى.

  تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىزچىل مۇراجىئەت قىلىشى ۋە دەۋەت قىلىشى ئاستىدا، بىر قىسىم تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر كېلىشىمنامىنىڭ 2-ۋەدە باسقۇچىنى شەرتلىك قوبۇل قىلغاندىن باشقا، يېشىل كىلىمات فوندىغا مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەردى، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، شىۋېتسىيە، دانىيەدىن ئىبارەت 6 ياۋروپا دۆلىتى بۇنىڭ ئۈچۈن خامچوت تۈزدى.

  يىغىندا ئورتاق لېكىن پەرقلىق مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» ۋە «كېلىشىمنامە»نىڭ ئاساسلىق تۈزۈلمە رامكىسى قوغدىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى جەھەتتىكى كۆپ تەرەپلىك مۇساپىسى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىجابىي سىگنال بېرىلدى.

  ھالبۇكى، بۇ قېتىمقى يىغىندىن نۇرغۇن ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلار قالدى، ھاسىل قىلىنغان ھەر تۈرلۈك نەتىجىلەر تەل تۆكۈس ھەل قىلىنماي كەلگۈسىدىكى كىلىمات سۆھبىتىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇلدى.

  بۇلغۇما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش مەسىلىسىدە، كېلىشىمنامىنىڭ 2-ۋەدە باسقۇچىنىڭ مۇددىتى 8 يىل قىلىنىپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ بۇلغۇما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش سالمىقىغا قويۇلغان تەلەپ تۆۋەنلىتىلدى، لېكىن ياپونىيە، كانادا، يېڭى زېللاندىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر 2-ۋەدە باسقۇچىنى تېخى قوبۇل قىلمىدى، يىغىندىمۇ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ بۇلغۇما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش كۆرسەتكۈچىگە قارىتا كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلماي، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئېشىشىنى 2 گىرادۇستىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چوڭ قىيىنچىلىق تۇغدۇردى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە