باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ۋوگزالى تەۋەسىدىكى مەيدان قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىگە ئاممىدىن پىكىر ئىلىنىدۇ

2012.12.10 09:48        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ۋوگزالى تەۋەسىدىكى شىمالىي مەيدان ۋە مەيدان– ۋوگزال ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى كېلەر يىلى مايدا باشلىنىدۇ. مۇھىت ئاسراش نازارىتى تورىدا 4-دېكابىر بۇ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىتىغا بولغان تەسىرىگە نىسبەتەن جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىش ئۇچۇرى ئېلان قىلىندى.

  پىكىر ئېلىش ئۇچۇرىدىكى مەزمۇندا كۆرسىتىلىشچە، بۇ قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ جەنۇب تەرىپى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ۋوگزالىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە، شەرق تەرىپى « مېردىيان 1- يولى »غا، غەرب تەرىپى «مېردىيان 2-يولى»غا، شىمال تەرىپى «شىمالىي ۋوگزال ئالدى تولى »غا تۇتىشىدىكەن، ئىگىلىگەن ئومومىي يەر كۆلىمى 75 مىڭ كىۋادىرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 115 مىڭ 300 كىۋادىرات مېتىر بولۇپ قۇرۇلۇش دائىرىسى يەر يۈزى مەيدانى ۋە يەر ئاستى بوشلۇقى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ تۈر قۇرۇلۇشىدا 2013-يىلى مايدا ئىش باشلىنىپ، 2015-يىلى مارتتا تاماملىنىدىغانلىقىنى، بۇ قۇرۇلۇشقا 1 مىليارد 493 مىليون مەبلەغ سېلىندىغانلىقى پىلانلانغان، بۇنىڭ %70ىگە بانكىدىن قەرز ئېلىنىدىكەن.

  ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى ۋوگزالى دائىرىسى شەرقتە بۇتخانا تېغىنىڭ شەرقى تەرىپىدىن باشلىنىپ، غەربتە غەربىي 3-يولغىچە، جەنۇبتا «شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يولى»نىڭ غەربكە ئۇزارتىلغان بۆلىكىدىن باشلىنىپ، شىمالدا «سۇجۇ يولى»نىڭ غەربكە ئۇزارتىلغان بۆلىكىگىچە بولۇپ، كۆلىمى 8.7 كىۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

  مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە