باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭخەي-شىزاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ بىر يىللىق قۇرۇلۇش خاتىرىسى(1)

2012.12.11 10:08        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ساماۋى ئېلېكتىر يولى» دەپ ئاتالغان چىڭخەي-شىزاڭ بىرلەشمە ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى بۇلتۇر 9-دېكابىر سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىزاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى ئۇزۇن مۇددەت يالغۇز قېلىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. بىر يىلدىن بۇيانقى قۇرۇلۇش ئارقىلىق، شىزاڭغا جەمئىي 600 مىليون كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق توك يەتكۈزۈلۈپ، شىزاڭدىكى ئېلېكتىر تورى ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %23.98 نى ئىگىلەپ، 748 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجىگەنگە باراۋەر كېلىپ، بىر مىليون 950 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدى ئازايتىلدى.

  قەھرىتان قىشتا، زاڭزۇ ئايال جاساڭ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ بىر ھازا ھەپىلىشىپ قول بىلەن ئەتكەنچاي تەييارلىمايدىغان بولدى، ئۇ ھازىر ئۆيىدە توكلۇق چاي چەينىكى ئىشلىتىدۇ، ئۆيدىكىلىرى ئىچىدىغان ھورى ئۆرلەپ تۇرغان ئەتكەن چاي ئۈچ مىنۇتتىلا تەييار بولىدۇ. جاساڭ مۇنداق دېدى: بىر يىل ئىلگىرى بۇ يەردە دائىم توك توختاپ قالاتتى، ئېلېكتىر سايمانلىرى ئالغان تەقدىردىمۇ ئىشلىتەلمەيتتۇق. ئۆيىمىز لاساغا ئاران 19 كىلومېتىر كەلسىمۇ، لېكىن قىش كىرگەن ھامان، ھەر ھەپتىدە ئۈچ كۈن كەچ سائەت يەتتىدىن سائەت 11گىچە گىچە توك توختاپ قالاتتى، ئىككى بالام ئامالسىز ماي چىرىغىنىڭ يورۇقىدا تاپشۇرۇق ئىشلەيتتى. لاسا شەھىرى دۈيلوڭ دېچىڭ ناھىيەسى نەيچيوڭ بازىرى گاڭدېلىن كەنتىدە 732 ئائىلە، 2300 دىن ئارتۇق نوپۇس بار. مۇقىم توك-كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كەنتنىڭ ئىقتىسادىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى. بۇ يەردە كەنت ئاھالىلىرى كۆكتات پارنىكى، تاش كانى، باقمىچىلىق مەيدانى، تىرانسپورت ئورۇنلىرىنى قۇرۇدى، كۈنلىرى ناھايىتى خۇشال ئۆتتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە