باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>18-قۇرۇلتاي

مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى بىڭتۈەندە پارتىيە18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى

2012.12.12 13:51        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى 4–دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن بىڭتۈەندە پارتىيە 18– قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئاچتى.

  مەركىزىي لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋىيگۇاڭ «خەلق» سارىيىنىڭ ئاساسىي يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ باش تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، «پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىچكى–تاشقى ۋەزىيەت، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى روھىنىڭ باش تېمىسى ۋە رامكا قۇرۇلمىسى، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى روھىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئاساسىي ئىدىيەسى» قاتارلىق جەھەتتىن ناھايىتى ياخشى لېكسىيە سۆزلىدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، بىڭتۈەننىڭ پارتكوم سېكرېتارى، سىياسىي كومىسسارى چې جۈن دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى دوكلاتنى غەنىيمەت بىلىپ، قايتا سەپەرۋەر قىلىپ، قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قايتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى روھىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى يەنىمۇ قوزغاش؛ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، رەھبەرلەر باشلامچى بولۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارغا قارىتىلغان ئۆگىنىش، تەربىيەنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش؛ دەرىجىمۇ دەرىجە لېكسىيە سۆزلەشنى چىڭ تۇتۇپ، لېكسىيەنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كېڭەيتىش؛ بىڭتۈەننىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ھازىرقى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، 18–قۇرۇلتاي روھىنى بىڭتۈەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەردە گەۋدىلەندۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئۈچ چوڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غەربىي شىمال رايونىدا باشلامچى بولۇپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

  مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}