باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ش ئۇ ئا ر خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى باشقۇرۇش چارىسى» كېلەر يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2012.12.12 13:56        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆي بېزەشتە ئالدى بىلەن ئۆي بېزەش رەنە پۇلى تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئاپتوموبىلى بار مۈلۈكدارلار 30 يۈەن دەرۋازىدىن كىرىش–چىقىش كارتا رەنە پۇلى تاپشۇرىدۇ... مەھەللىلەردىكى خوجىلىق مۇلازىمەت شىركەتلىرى مۈلۈكدارلارغا تۈرلۈك مۇلازىمەت رەنە پۇلى تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇرغاندا، مۈلۈكدارلار شەرتسىز بويسۇنىدۇ. 2013–يىلىدىن باشلاپ، خوجىلىق شىركەتلىرى تۈرلۈك رەنە پۇلى ئالماقچى بولغاندا، مۈلۈكدارلار قەتئىي رەت قىلسا بولىدۇ!

  «شىنجاڭ شەھەر گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى بىرلىشىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى باشقۇرۇش چارىسى» نى تارقاتقان، بۇ «چارە» 2013–يىلى 1–يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. «چارە» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ رەنە پۇلى، كاپالەت پۇلى قاتارلىق كاپالەت خاراكتېرىدىكى ھەقلەرنى مەجبۇرىي يىغىشىغا يول قويۇلمايدۇ، بولمىسا باھاغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى، دەپ قارىلىدۇ.

  تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى «خوجىلىق مۇلازىمىتى ھەققىنى باشقۇرۇش چارىسى»دە، ئەسلىدىكى «چارە» مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن، مەزمۇنى خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى يىغىش تەرتىپى، ئىشلىتىلىش دائىرىسىگە چېتىلىدۇ؛ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى يېتەكچى باھاسىنى بېكىتىش ھوقۇقىنىڭ دائىرىسى تەڭشەلدى؛ خوجىلىق ھەققى ئېلىشتا ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئېنىق تەدبىرلەر بەلگىلەندى.

  مەسىلەن: يېڭى «چارە»دە خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ رەنە پۇلى، كاپالەت پۇلى قاتارلىق كاپالەت خاراكتېردىكى ھەقلەرنى مەجبۇرىي يىغىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى، بولمىسا باھاغا خىلاپ قىلمىش قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆي بېزەش مەزگىلىدە يىغىلغان قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى مۈلۈكدارلارنىڭ ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەكلىكى، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ھاۋالە قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئالاقىدار ھەقنى ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بېكىتىشكە بولىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى. ئۇنىڭدىن باشقا، «چارە» دە يەنە سۇ، توك، پار بىلەن 2–قېتىم تەمىنلەش ھەققى خوجىلىق مۇلازىمەت تەننەرخىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئايرىم ھەق ئېلىنمايدىغانلىقى؛ مەھەللە ئىچىدىكى خوجىلىق تارماقلىرى پۈتۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان، بىراق مەھەللىدىكى يول، كۆكەرتىش ۋە قىسمەن جامائەت ئەسلىھەلىرى لايىھەلەش ياكى ئىشلىتىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن قۇرۇلۇشلارنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى تۇرالغۇ قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكى ئېنىق بەلگىلەندى. خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىدە باھانى ئېنىق يېزىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى مۈلۈكدارلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، مۈلۈكدارلاردىن ئالدىن بەلگىلەنمىگەن ھەرقانداق ھەقلەرنى ئالماسلىقى، مۈلۈكدارلار خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىدا ئالدىن كېلىشىلگەن ۋاقىت بويىچە، خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى كېرەك.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇنىڭدىن كېيىن خوجىلىك مۇلازىمەت كارخانىلىرى يەنە مۈلۈكدارلارغا قالايمىقان ھېسابات ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكى، خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنىڭ كىرىم–چىقىم ئەھۋالىنى مۈلۈكدارلارغا ئېنىق چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

  مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە