باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىدىكى بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى يەشتى

2012.12.12 10:24        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ قوماندانى ھاجى زادېخ 10-دېكابىر: ئىران بۇلتۇر ئولجا ئالغان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «RQ-170» بەلگىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىدىكى بارلىق ئۇچۇرلار ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى يەشتى، بۇ سان–سىفىرلاردا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئىراننىڭ يادرو تۈرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى توپلىمىغانلىقى ئېنىقلاندى، دېدى.

  ئۇ يەنە يېشىلگەن قىسمەن سانلىق مەلۇماتلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بۇرۇن ئىسرائىلىيە ئەمەلدارىغا بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئىراننىڭ يادرو تۈرىنى كۈزىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن بىزنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىمىز سانلىق مەلۇماتلارنى يېشىش جەريانىدا شۇنى بايقىدىكى، بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىراننىڭ يادرو تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ۋەزىپىنى ئىجرا قىلمىغان. بۇ، ئامېرىكىنىڭ پەقەت ئىراننىڭ يادرو تۈرىنى باھانا قىلىپ تۇرۇپ ئىرانغا قارىتا جاسۇسلار ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارشىلىشىش ھەرىكەتلىرىنى يولغا قويماقچى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  بۇلتۇر 4-دېكابىر، ئىران ئېلېكتىرون كاشىلىسى ئارقىلىق بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئولجا ئالغان، لېكىن ئامېرىكا تەرەپ بۇ ئايروپىلاننى كاشىلا سەۋەبلىك چۈشۈپ كەتتى، دېگەن. كېيىن ئامېرىكا ئىراندىن بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن رەت قىلىنغان.

  موشۇ ئاينىڭ 4–كۈنى، ئىران تەرەپ دېڭىز قولتۇقى تەۋەلىكىدە ئامېرىكىنىڭ « سۈرەتكە تارتىش بۈركۈتى» ناملىق يەنە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش ئەترىتى ئولجا ئالغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ بارلىق ماتېرىياللىرىنى يەشكەن، لېكىن ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن زىيان تارتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان، ئىران تەرەپ بولسا ئولجا ئالغان ئايروپىلانلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ياسىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە