باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لو ياڭنىڭ ئىش-ئىزلىرى كىشىلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى(1)

2012.12.10 16:36        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قىرغۇچى 15 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىپ ياساش نەق مەيدانىنىڭ باش قوماندانى لو ياڭ 25-نويابىر بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى، بۇندىن بۇرۇن، ئۇ ئۈن-تىنسىز ئىشلەپ كەلگەن كىشى ئىدى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شېنياڭدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن يىغىلىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۇنى تونۇمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر كۆز يېشى قىلدى. مۇخبىر يېقىندا ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، خىزمەتداشلىرى، دوستلىرىنى زىيارەت قىلىپ، لوياڭنىڭ ھايات ۋاقتىدا قالدۇرغان ئازغىنە سۈرەتلىرى، يېزىق ماتېرىياللىرىنى توپلىدى، مۇخبىر گەرچە دەبدەبىلىك سۆزلەرنى تاپالمىغان بولسىمۇ، لېكىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. لو ياڭنىڭ ئۆيىگە قايتىپ تۇرىدىغان ۋاقتى قىسقىغىنا نەچچە ئون مىنۇت بولسىمۇ، لېكىن ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ ھويلىدا ئايلىنىپ يۈرگەن مەنزىرىسىگە قوشنىلارنىڭ ناھايىتى زوقى كېلەتتى. لوياڭنىڭ ئانىسى 20 نەچچە يىل تۇرغان ئۆينى لو ياڭنىڭ دادىسىنىڭ ئىدارىسى تەقسىم قىلغان ئۆي ئىدى، 77 ياشقا كىرگەن لو ياڭنىڭ ئانىسى ھازىرغىچە 5-قەۋەتتە تۇرىدۇ، پەسكە چۈشۈپ چىقىشى ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، لو ياڭنىڭ ئۆيىمۇ مۇشۇنداق ئىدى. 29-نويابىر لو ياڭنىڭ قىزى دادىسىنىڭ سۈرىتىنى ئېلىپ بۇ كونا بىنادىن چىقىۋاتقاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ئاندىن لو ياڭنىڭ ئەسلىدە بىر كونا بىنادا 14 يىل تۇرغانلىقىنى بىلدى. بىر تەرەپتىن مەخپىيەتلىك ساقلاش سەۋەبىدىن، يەنە بىر تەرەپتىن لوياڭنىڭ ھەشەم-دەرەم قىلمايدىغان خىسلىتىدىن لوياڭنىڭ بىر يىللىق مەھسۇلات قىممىتى ئون مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان چوڭ كارخانىنىڭ مەسئۇلى، ئاۋىياتسىيە بىلەن دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئاز كىشىلەرلا بىلەتتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە