باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۆپكە راكى قاتارلىق 12 خىل كېسەللىك شىنجاڭنىڭ «يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاش»قا كىرگۈزۈلدى

2012.12.10 14:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9-دىكابىر، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ سەھىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېزىلاردىكى ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ھەمكارلىشىپ داۋالاشقا قاتناشقان دېھقانلارنىڭ كېسەللىك تۈپەيلىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەللىك تۈپەيلىدىن قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاش كاپالىتى دائىرىسىگە يېڭىدىن 12 خىل دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر كىرگۈزۈلگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق يېڭىدىن داۋالاش كاپالىتىگە كىرگۈزۈلگەن ئېغىر كېسەللەردىن ئۆپكە راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، ئاشقازان راكى، بوغماق ئۈچەي راكى، تۈز ئۈچەي راكى، ئاستا خاراكتېرلىك ئاق قان راكى، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك تىقىلمىسى، مېڭە يىگىلەش، قاناشقا مايىللىق كېسىلى،I تىپلىق دىئابىت كېسىلى، قالقانبەز يوغىناپ كېتىش كېسىلى (جياكاڭ)، توشقان كالپۇك قاتارلىق 12 تۈرلۈك كېسەللىك بار ئىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە