باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

رەئىس نۇر بەكرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2012.12.12 13:46        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 35–قېتىملىق دائىمىي يىغىنى 7–دېكابىر ئېچىلدى، يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا يوللىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شىنجاڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان رايون، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەن–ساغلاملىقى ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، «يەرلىك ھۆكۈمەت ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇش» دېگەن تەلەپنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى پائال قوللىنىشى كېرەك، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننى قاپلىغان يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى كېڭەيتىش سىستېمىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش سىستېمىسى، «زىيانسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېشىل يېمەكلىك، ئورگانىك يېمەكلىكلەر» نى ئېتىراپ قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە يېزا ئىگىلىكىدە ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى، قەرەللىك نازارەت قىلىپ ئۆلچەش تۈزۈمى ۋە يېزا ئىگىلىك سېلىنما مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان، كارخانا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان، دېھقانلار ئاڭلىق بولىدىغان ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزمنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، دېھقانلار، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

  يىغىندا: يېزا يولى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەلرايىغا ياقىدىغان زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، دەپ تەكىتلەندى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار يېزا يولى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، 12–بەش يىللىق يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن نىشان–ۋەزىپىلەر بويىچە سېلىنمىنى زورايتىپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا يول قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك. ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا يول قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە ۋە بارلىق دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ سۇبيېكتىپلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى يېزا يول قۇرۇلۇشى، يېزا يوللىرىنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇشقا ئورتاق قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك. ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «قۇرۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، باشقۇرۇش بىلەن ئاسراشقا سەل قاراش» مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يېزا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، «ئىشەنچلىك قۇرۇلۇش»، «ئەل رازى قۇرۇلۇش» ى بولۇشقا تىرىشىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە «شىنجاڭ ئۇيغۇر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جامائەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ۋاقتىلىق چارىسى» مۇزاكىرە قىلىندى.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە