باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ(كېڭەيتىلگەن)يىغىنىدا ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى ئانالىز قىلىندى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى

2012.12.12 13:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 7–دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئانالىز قىلدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانلاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا نۆۋەتتىكى ۋەزىپە پارتىيە 18– قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلەپلىرىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك نىشان–ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاش. بۈگۈنكى يىغىن پارتىيە–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەنە بىر قېتىم قايتا ئۆگىنىش يىغىنى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى ئۈنۈملۈك ئىدىيە ۋە ئۇسۇللارنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە يەكۈنلەپ، ئۇنى يېڭى ۋەزىيەت ۋە ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاش يىغىنى. يىغىندا نۇر بەكرى، خۇاڭ ۋېي، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، چيەن جى، ئەركىن تۇنىياز، شى داگاڭ قاتارلىقلار سۆز قىلدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك قۇرۇلۇش، ئايلىنىش، تەرەققىيات ئەھۋالى ئېلان قىلىندى ھەم كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ئىقتىسادىي مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار كۆپەيدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئاساسىدا ئۆزگىرىش ياساش›› ئاساسىي لىنىيەسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەڭشەش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، زور ئۇل ئەسلىھەلەر، زامانىۋى كەسىپ تۈرلىرى ۋە نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 502 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %11.5 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى؛ سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى مۇقىم ھەم ياخشى بولدى، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادى مۇقىم ئاشتى؛ 1–ئايدىن 10– ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا 119 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، بۇلتۇرقىدىن يەنە %43.5 ئاشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مالىيەسىدىن خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا قىلىنغان چىقىم جامائەت مالىيە چىقىمىنىڭ %73 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى پىلان بويىچە ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىستېمال بازارلىرى داۋاملىق جانلاندى، ساياھەت ئىقتىسادى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، شەھەر–بازارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئاساسەن ئورۇندالدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇھىتى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئاستىلىدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئارقىلىق كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاشتا، مۇھىم تۈرلەر، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشنى، ئىجتىمائىي ئاساس ۋە يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى پۇختىلاشنى، ساقلىنىۋاتقان زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بازارنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھازىرقى قىشلىق ئارىسال ۋاقىتنى ئالدىراش ۋاقىتقا ئۆزگەرتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زىياننى ئازايتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادنىڭ ياخشى ئايلىنىش ۋەزىيىتىنى ياخشى خىزمەت ئىستىلى ۋە روھىي ھالىتى بىلەن ساقلاپ، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈپ، يىللىق تۈرلۈك نىشان–ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداش كېرەك.

  ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خەن يۇڭ، پېڭ يۇڭ، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، بەي جىجيې، خۇ ۋېي، شيۇڭ شۈەنگو، ليۇ شىنچى، چيەن جى، جىن نو، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، جۇ چاڭجيې، ۋاڭ يۇڭمىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە