باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالدىنقى ئون ئايدا ش ئۇ ئا ر نىڭ خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسى ئۆتكەن بىر يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى

2012.12.10 09:49        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1–ئايدىن 10–ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشلىرىغا سالغان مەبلىغى 119 مىليارد 568 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.5 ئاشقان، بۇ سان ئۆتكەن بىر يىلدىكى شۇ تۈردىكى ئومۇمىي سېلىنمىدىنمۇ 18 مىليارد 660 مىليون كۆپ ئىكەن.

  1–ئايدىن 10–ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تۈرلىرىگە سالغان مەبلىغى ئومۇميۈزلۈك تېز ئاشقان. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تۈرلىرىگە سېلىنغان مەبلەغ ئىچىدە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشى، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 103 مىليارد 824 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.5 ئاشقان؛ ئاھالە مۇلازىمىتى ۋە باشقا مۇلازىمەت سېلىنمىسى 786 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.4ئاشقان؛ مائارىپ سېلىنمىسى 8 مىليارد 175 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %72.6 ئاشقان؛ سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت سېلىنمىسى 3 مىليارد 731 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.2 ئاشقان؛ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش كەسپىي سېلىنمىسى 3 مىليارد 53 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.2ئاشقان.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە