باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەھىيە مىنستىرلىقى 12-دېكابىر قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

2012.12.13 14:05        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەھىيە مىنستىرلىقى 12-دېكابىر قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سەھىيە مىنستىرلىقى مۇخبىرلارنىڭ ھازىر توردا بولۇپمۇ مىكروبىلوگدا جىددىي قۇتقۇزۇشنىڭ ئۈچ كىلومېتىرلىق جايغا 40مىنوتتا يېتىپ بارىدىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن كېسەل ئەھۋالىغا تەسىر يەتكەنلىكى توغرىسىدا توختالماقتا، سەھىيە مىنستىرلىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جىددىي قۇتقۇزۇش جەھەتتە قانداق پىلانلىرى بار، دېگەن سوئالغا جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە جىددىي داۋالاشقا دائىر مۇھىم سىياسەتلەر تەتقىق قىلىنىپ، كاپالەت لايىھەلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. دوختۇرخانىلارنىڭ جىددىي داۋالاش بۆلۈملىرىنىڭ قۇرۇلۇشى- بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم يولى، جىددىي داۋالاش ئورۇنلىرى كېيىنكى مەخسۇس بۆلۈملەرگە مۇلازىمەت قىلىشنى ئەڭ ئاساسلىق كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ شۇنداقلا بۇ بىرىنچى يول. سەھىيە مىنستىرلىقى جىددىي داۋالاش قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، باش دىياگنوز قويغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ھېچقانداق مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىشقا بولمايدۇ. ئېغىر كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن، دوختۇرخانىلار ئالدى بىلەن قۇتقۇزۇش كېيىن ھەق تاپشۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە