باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن چاۋشيەن سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىش مەسىلىسىدە ئالاقىلىشىدۇ

2012.12.13 14:06        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي تۈنۈگۈنكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن چاۋشيەننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەسىلىسىدە ئالاقىلاشماقتا.

  مۇخبىر 10-دېكابىر ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھېلارى بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياڭ جېچى 7-دېكابىر چاۋشيەننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرمەكچى بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرغان، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز دەپ سورىغاندا خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى مەيدانى ئېنىق، ئىزچىل. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئومۇملۇق ۋە يىراققا نەزەر سېلىپ، نۆۋەتتىكى ئىشلارنى سوغۇققانلىق بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەزىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشتىن ساقلىنىپ، يېرىم ئارال ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئۇندىن باشقا كورىيە تاراتقۇلىرى سۈنئىي ھەمراھ تارتقان سۈرەتلەردىن ئايان بولۇشىچە، چاۋشيەن قۇيۇپ بېرىشكە تەييارلىق قىلغان راكىتانىڭ قىسمەن ئۈسكۈنىلىرىنى چۇۋۇدى، دېگەن. خۇڭ لېي بۇ ھەقتە جۇڭگو ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلماقتا، شۇنداقلا ۋەزىيەتكە يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ، جۇڭگو چاۋشيەن بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىدۇ، دېدى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە