- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دۆلەت ئىشىلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ 2013-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى
2012.12.13 14:07
ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، گوۋۇيۈەندىكى ھەر قايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلار، ھەر قايسى بىۋاستە قاراشلىق ئاپپاراتلارغا:
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى «تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹مەملىكەتلىك ھېيت-بايرام ھەمدە خاتىرە كۈنلىرى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى› توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن، 2013-يىللىق يېڭى يىل، چاغان، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش كۈنلىرىنىڭ كونكېرت ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئوقتۇرۇش قىلدۇق. ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
يېڭى يىل: 2013-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە، جەمئىي ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ. 5-يانۋار(شەنبە)، 6-يانۋار (يەكشەنبە)نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
چاغان: 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە يەتتە كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ. 16-فېۋرال(شەنبە)، 17-فېۋرال(يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
چوكانتال بايرىمى: 4-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ .7-ئاپرېل(يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ. 4-ئاينىڭ 27-كۈنى (شەنبە)، 4-ئاينىڭ 28-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ .
تاڭزۇڭزا چاغىنى: 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ . 8-ئىيۇن (شەنبە)، 9-ئىيۇن (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ
تاۋۇز چاغىنى: 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ .22-سېنتەبىر (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
دۆلەت بايرىمى: 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ. 9-ئاينىڭ 29-كۈنى (يەكشەنبە)، 10-ئاينىڭ 12-كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە