12-دىكابىر، جياڭسۇ ئۆلكىسى ياڭجۇۋ شەھىرى خۇڭچياۋ مەھەللىسى ستۇدېنت كەنتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ياڭجۇۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىدائىي ئوقۇغۇچىلىرى مەھەللە مەيدانىدا نەچچە مىڭ تال شام يېقىپ، «نەنجىڭ. 300000» دېگەن خەتنى شەكىللەندۈرۈپ، 300 مىڭ قېرىنداش ئۆلتۈرۈلگەن نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلىدى ھەمدە دۇنياغا تىنچلىق تىلىدى.