باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاندىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت قىزلارنىڭ پادىچىلار ئىشتىنى ۋە قىسقا يوپكا كىيىشىنى چەكلىدى

2012.12.12 15:35        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھىندىستاندىكى بىر قىزلار ئالىي مەكتىپى 10-دېكابىر قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىسقا يوپكا، بەدىنىگە چىپپىدە كېلىدىغان پادىچىلار ئىشتىنى ۋە كالتە يەڭ كوڭلەك كىيىشى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ئونىۋېرسىتېتنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى قىزلارنىڭ پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەن. بۇ تەدبىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە ئاياللار ھوقۇقدارلىرىنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى.

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 10-ئۆكتەبىردىكى خەۋەرىدە، بۇ چەكلەش پەرمانىنى خالىيانا ئىشىتاتىدىكى ياداش قىزلار ئالىي مەكتىپى چىقارغان ئىكەن. مەكتەپ تەرەپ بەدەنگە چىپپىدە كېلىدىغان پادىچىلار ئىشتىنى «غەربلىشىش» نىڭ مەھسۇلاتى، مۇشۇ تۈردىكى كىيىملەر كۆزگە بەك ئاسان «چېلىقىدىغان» بولغاچقا، قىز ئوقۇغۇچىلار ئاسانلا پاراكەندىچىلىككە ئۇچرايدۇ، دەپ قارىغان. بۇ ئىشقا قارىتا بىر ئوقۇغۇچى شىكايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ تەدبىر ھەرگىزمۇ قىز ئوقۇغۇچىلارنى قوغداش تەدبىرى ئەمەس، بەلكىم بىر قىز ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن بىر خىل جازا؛ «بۇ خىل كىيىنىش بەلگىلىمىسى جىنايەتنى ھەرگىز ئازلىتالمايدۇ. خىجىل بولۇشنى بىلمەيدىغان قېلىن ئەرلەر قىلغۇلۇقنى قىلىۋېرىدۇ، ئەنئەنىۋى كىيىم كىيگەن ھالەتتىمۇ شۇنداق».

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە