باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ھەقسىز مائارىپنى ئالدى بىلەن بالىلار باغچىسىغىچە كېڭەيتىش كېرەك

2012.12.10 10:26        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  « گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتى 12-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ›› نىڭ بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللانغانلىقى گېزىتكە بېسىلدى . « يىرىك پىلان » دا گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ ھەقسىز مائارىپ يىل چەكلىمىسىنى ئۇزارتىشنى تەتقىق قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى . ئەمەلدارلار ئېلان قىلىشقا بولىدىغان كونكرېت لايىھەنىڭ ھازىرچە تېخى يوق ئىكەنلىكىنى ، لېكىن ھەقسىز مائارىپ يۆنىلىشىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا قارىتىلىدىغانلىقىنىڭ ئايدىڭلاشقانلىقىنى ئاشكارىلىدى .

  ھەقسىز مائارىپ يىل چەكلىمىسىنى ئۇزارتىش ھەم گۇاڭجۇ شەھرىنىڭ مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ، رايون مائارىپىنىڭ مەركەزلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى ، ھەم خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئائىلىنىڭ مائارىپ يۈكىنى يەڭگىللىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى بولۇپ ، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ياخشى ئىش .

  ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغىنى بۇ جەھەتكە ئىشلەتكەنلىكىنى پۇقرالارنىڭ كۆڭلىدىكى ئىشقا ئىشلەتكەنلىك دېيىشكە بولىدۇ ، بۇ «دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ، خەلقئارادا ئىلغار بىر-ئىككى ئالىي مەكتەپ قۇرۇش » قا ئىشلەتكەن غايەت زور مەبلەغقە قارىغاندا ، « ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن پۇقرالارنى تەڭ بەھرىمەن قىلىش » نى تېخىمۇ نامايان قىلىدۇ ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھېمايە قىلىشىغا ئېرىشىدۇ .

  « يىرىك پىلان » دا ئىككى ھەقسىز قىلىشنى كېڭەيتىش نىشانىنىڭ 2015-يىلغا بارغاندا ، ئوقۇش يېشىغا ئۈچ يىل قالغان بالىلارنىڭ بالىلار باغچىسىغا كىرىش نىسبىتىنىڭ %96 كە ، تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى %98 كە يەتكۈزىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى . ئۇنداقتا ، ھەقسىز مائارىپنى كېڭەيتىشنى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى باسقۇچىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكمۇ ياكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى باسقۇچىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكمۇ ؟

  گەرچە 2006-يىلى ئىيۇندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى « مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ، 9-يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇش پۇلى ، كىتاب پۇلى ۋە پارچە خىراجەتلەرنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئېنىق بەلگىلىگەندىن كېيىن ، ئۆلكىمىزدىن جۇخەي شەھرى « مەجبۇرىيەت مائارى دائىرىسىنى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىغىچە ، يەنى تولۇق ئوتتۇرا (جۈملىدىن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا ، كەسپى تولۇق ئوتتۇرا ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى ۋە ئوتتۇرا تېخنىكۇم ) باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۇلى ئالماسلىققىچە كېڭەيتكەن » بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭچە ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن كۈزەتكەندە ، گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ ھەقسىز مائارىپىنى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىغىچە كېڭەيتىش كېرەك .

  بىرىنچى ، بالىلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى خىراجىتى ۋە تەربىيەلەش خىراجىتى چىقىمى تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى ئوقۇش پۇلىغا قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولۇشى كېرەك . ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ تېخى كىچىك ۋاقتى يۇقىرىدا چوڭلار ، تۆۋەندە كىچىكلەر بار ، خىزمەت ئىستاژىمۇ قىسقا ، مائاش كىرىمى بىر قەدەر تۆۋەن ، يۈكى ئەڭ ئېغىر ، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقىت . خەلقئارادا نۇرغۇن دۆلەتلەر بالىلارنى پەرۋىش قىلىش تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ .

  ئىككىنچى ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بىر قەدەر ئاسان ، بالىلارغا ياردەم بېرىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشمۇ ئوڭاي ، «ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزۈش خارەكتېرىدىكى بالىلار باغچىلىرى » نى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئۆلچەم بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇشمۇ بىر قەدەر ئاسان . لېكىن تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى ، جۈملىدىن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا ، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا ، ئىشچىلار تېخنىك مەكتىپى ۋە ئوتتۇرا تېخنىكۇمدىن ئىبارەت ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى ئۆلچىمىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ ، شۇڭا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى مائارىپنى ھەقسىز قىلىش (ئوقۇش پۇلى ئالماسلىق ) ئارقىلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىر قەدەر قىيىن بولۇشى مۇمكىن .

  ئۈچىنچى ، تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدا يەنىلا ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە تەڭ ئېتىبار بېرىش فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ، ئىشچىلار تېخنىك مەكتەپلىرى ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملاردا تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئىش ئورنىغا بىۋاستە چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك .

  خەيىرلىك ئىشلارنى ياخشى ۋە ھەقىقى قىلىش لازىم . ھەقسىز مائارىپنى كېڭەيتىش يۈنىلىشىنى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىغىچە كېڭەيتىپ ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ ، خەلق باشقۇرۇشىدىكى بالىلار باغچىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغاندا ، ئاندىن مائارىپنى ھەقىقى تۈردە «كەسىپلىشىش » يولىدىن ئاممىۋى-ئىجتىمائىي ئىشلاردىكى ھەقسىز مائارىپ يولىغا قايتۇرغىلى بولىدۇ . (ئاپتور ۋاڭ زېچۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسلىھەتچىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە