- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تاجىكىستان دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا رەسمىي كىردى
2012.12.12 16:33 مەنبە: خەلق تورى
دۇنيا سودا تەشكىلاتى گۇرۇپپىسى 10-دېكابىر جەنۋەدىكى باش ئىشتابىدا تاجىكىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا رەسمىي كىرىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى، تاجىكىستان دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا رەسمىي كىردى.
تاجىكىستان زۇڭتۇڭ ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى ئىمامئەلى راخمان دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى پاسكال لامى بىلەن تاجىكىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەنلىكى توغرىسىدا كېلىشىمنامە ئىمزالىغان.كىلىشىمنامە ئىمزالىنىپ ، تاجىكىستان پارلامىنتىنىڭ ئالاقىدار تەستىقلىرىدىن ئۆتۈپ، ئالتە ئايدىن كېيىن تاجىكىستان دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ھوقۇقلىرىدىن تولۇق بەھىرلىنىدىغان رەسمىي ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ. دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ئۈچۈن، تاجىكىستان 12 يىللىق سۆھبەتنى باشتىن كەچۈردى.
نۆۋەتتە دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا 157 ئەزا دۆلەت بار بولۇپ، تاجىكىستان 158-دۆلەت بولۇپ قالغۇسى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە