باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

مېيىپلەر ئادەتتىكى مەكتەپتە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

2012.12.11 16:22        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىڭ بونىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، مالىيە نازارىتى، سەھىيە نازارىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى يېقىندا ‹‹مېيىپلەرنىڭ ئادەتتىكى مەكتەپتە ئوقۇشىنى باشقۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر››نى تارقىتىپ، مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىرىنسىپ جەھەتتە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2–يىللىقىدىن باشلاپ ئادەتتىكى مەكتەپتە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  ئادەتتىكى مەكتەپتە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىدىغان ئوبيېكتلار ئادەتتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇشقا ماسلىشالايدىغان، كۆرۈش، ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارى ئاجىز، پۇت–قولى مېيىپ (مېڭە پارالىچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان، روھىي كېسەل (تەنھالىقنى خالاش كېسىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بالىلارنى كۆرسىتىدىكەن.

  ‹‹پىكىر›› مېيىپ بالىلار يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشى لازىم، دېيىلگەن. مېيىپ ئوقۇغۇچىلار پىرىنسىپ جەھەتتە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2–يىللىقىدىن باشلاپ ئادەتتىكى مەكتەپتە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. مېيىپ بالىلار يەسلىدە ئوقۇغاندا ئادەتتە مېيىپلىك تۈرى ۋە مېيىپلىك دەرىجىسىنى باھالاش تەلەپ قىلىنمايدۇ، يەسلىلەر مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، مېيىپ بالىلارنىڭ ئىقتىدارى، ئالاھىدە ئېھتىياجى قاتارلىقلارغا ئۇنىۋېرسال دىياگنوز قويۇپ ۋە ئۇنى باھالاپ، مېيىپ بالىلارغا باپ كېلىدىغان مائارىپ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىشتا، مەكتەپ كەسپىي خادىملارنى تەشكىللەپ، قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە يەتكەن ھەم ئوقۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى بالاھاپ، ئۇلارنىڭ مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ.

  ئادەتتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇسا بولىدىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلار ھەر بىر سىنىپتا بىردىن ئىككىگىچە بولسا مۇۋاپىق، پىرىنسىپ جەھەتتە ئۈچتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان سىنىپنىڭ بەلگىلەنگەن ئوقۇغۇچى سانىنى ماس ھالدا كېمەيتىش، يەنى، مېيىپ ئوقۇغۇچىدىن بىرسى قوبۇل قىلىنسا، سىنىپنىڭ بەلگىلەنگەن ئوقۇغۇچى سانىدىن ماس ھالدا ئۈچنى كېمەيتىش كېرەك.

  ‹‹پىكىر››دە: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مېيىپ بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش يېشى شۇ جايدىكى ئادەتتىكى بالىلار بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلگەن. ئادەتتىكى مەكتەپتە ئوقۇسا بولىدىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغان مەكتەپلەر مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن چېكىنىش نىسبىتىنى قاتتىق تىزگىنلىشى كېرەك. ئوقۇش يېشىغا توشقان مېيىپ بالىلارنىڭ ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختىشىنى ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مېيىپ بالىلارنىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇ جايدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى باشلانغۇچ مەكتەپنى تاماملىغان، ئۆرلەپ ئوقۇش ئىقتىدارىغا ئىگە مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى تەرەققىيات ئېھتىياجى، ئاتا–ئانىلارنىڭ پىكرى ۋە شۇ جاينىڭ مائارىپ ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى ياكى كەسپىي مەكتەپلەردە داۋاملىق ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.

  مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە