باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ش ئۇ ئا ر دىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل مائارىپى توغرىسىدىكى سىياسەتلەرنىڭ يەشمىسى(1)

2012.12.10 10:26         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قوش تىل ئوقۇتۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى

  1. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل ئوقۇتۇشى قانداق ئوقۇتۇش؟

  قوش تىل ئوقۇتۇشى ئىككى خىل (ئىككى خىلدىن كۆپ) تىلنى ئوقۇتۇشتىكى ۋاسىتە تىل قىلغان ئوقۇتۇش تۈزۈمى ياكى ئوقۇتۇشى ئەندىزىسى. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل ئوقۇتۇشى دېگەنلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوقۇتۇشىدا ئالاقىدار دەرسلەرنى دۆلەتنىڭ ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل–يېزىقى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل– يېزىقى قوللىنىلىدىغان بىر خىل ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى كۆرسىتىدۇ.

  قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ نىشانى ۋە مەزمۇنى ئىككى خىل تىل ۋە مەدەنىيەت ئامىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى دۆلەتنىڭ ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل–يېزىقى (تىل–يېزىقى) بىلەن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيىتى، دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتى، زامانىۋىلاشقان پەن – تېخنىكا مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى مەملىكەتكە، دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈش؛ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل–يېزىقى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل–يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇڭا، قوش تىل ئوقۇتۇشى دەرسلىرى سىستېمىسىدا، خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر ئېنىق بېكىتىلگەن بولۇپ، قوش تىل دەرسلىرى سىستېمىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە قوش تىل ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى مىللىي تىل–يېزىقنىمۇ، خەنزۇ تىل–يېزىقىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان قىلىپ يېتىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

  قوش تىل مائارىپى ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  2. قوش تىل مائارىپى توغرىسىدا قانداق قائىدە–نىزاملار تۈزۈلگەن؟

  دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى، مىللەت ۋە مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك باشقا قانۇن–نىزاملاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىل–يېزىقىنى ئۆگىنىشى ۋە ئىشلىتىشى، قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويۇشى ئېنىق بەلگىلەنگەن. مەسىلەن:

  ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى››نىڭ 1–باب 19–ماددىسىدا: ‹‹دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ››، دەپ بەلگىلەنگەن. 4–ماددىسىدا يەنە: ‹‹ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تىل–يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكى بار، ئۆرپ–ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكى بار››، دەپ بەلگىلەنگەن.

  ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى››نىڭ 37–ماددىسىدا: ‹‹ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپ (سىنىپ–يىللىقلار) ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىن شارائىتى يار بەرگەنلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرسلىكنى ئىشلىتىشى؛ دەرسلەرنى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئۆتۈشى ھەم ئەھۋالىغا قاراپ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقى ياكى يۇقىرى يىللىقىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى دەرسى تەسىس قىلىپ، ئورتاق تىل ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇچە يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك››، دەپ بەلگىلەنگەن.

  ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى››نىڭ 1–باب 12–ماددىسىدا: ‹‹خەنزۇ تىل–يېزىقى مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوقۇتۇشتا ئاساسلىق قوللىنىلىدىغان تىل–يېزىقى››، ‹‹ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئاساس قىلىنغان مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا ئوقۇتۇشتا شۇ مىللەت ياكى شۇ جايدىكى مىللەتلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان تىل–يېزىقنى قوللىنىشقا بولىدۇ››، ‹‹مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتۇشتا ئورتاق تىل ۋە قېلىپلاشقان يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك››، دەپ بەلگىلەنگەن.

  ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى قانۇنى››نىڭ 10–ماددىسىدا: ‹‹مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتۇشتا ئورتاق تىل ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇچە يېزىقنى ئاساس قىلىشى كېرەك››، دەپ بەلگىلەنگەن.

  ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرەن مائارىپ قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى››نىڭ 4–ماددىسىدا: ‹‹مەجبۇرەن مائارىپ باسقۇچىدا قوش تىل ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش ھەم ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك››، دەپ بەلگىلەنگەن. 35–ماددىسىدا: ‹‹ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قوش تىل ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك››، دەپ بەلگىلەنگەن. 36–ماددىسىدا: ‹‹ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك››، دەپ بەلگىلەنگەن.

  يۇقىرىقى قانۇن–نىزاملاردا ئاز سانلىق مىللەتلەر دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىشى كېرەك؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەكتەپلىرى ئوقۇتۇشىدا مىللىي تىل – يېزىقنى قوللىنىشقا بولىدۇ، لېكىن، پۈتۈن مەملىكەتتە ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل ۋە قېلىپلاشقان خەنزۇچە يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. بۇ، بىزگە قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويۇش ۋە قوش تىل ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى بېكىتىشنىڭ يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

  3. يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، قوش تىل مائارىپى توغرىسىدا قانداق سىياسەت، بەلگىلىمىلەر تۈزۈپ چىقىلدى؟

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2004–يىلى ‹‹قوش تىل ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارار››نى تارقىتىپ، قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قوش تىل مائارىپى توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم بۇ خىزمەتنى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسلىق خىزمەت تەرتىپىگە كىرگۈزدى، بۇ ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھۆججەت. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 2005 – يىلى ‹‹ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تارقاتتى، بۇ ‹‹قوش تىل ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارار›› بىلەن يۈرۈشلەشكەن ھۆججەت بولۇپ، ئۇنىڭدا قوش تىل مائارىپىنىڭ دائىرىسى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارغىچە كېڭەيتىلىپ، بۇ خىزمەتنى بالىلاردىن باشلاش، ئوقۇتقۇچىلاردىن باشلاش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 2008–يىلى ‹‹ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تارقىتىپ، قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.

  2010–يىلى مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەسى نۇقتىسىغا كۆتۈرۈلدى. يىغىندىن كېيىن، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق مىنىستىرلىق، كومىتېتلار بىرلىكتە ‹‹شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. گوۋۇيۈەن سېنتەبىردە ‹‹دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى يىرىك پىلان تېزىسى (2010–يىلىدىن 2020–يىلىغىچە)››نى ئېلان قىلدى. بۇ پىروگراممىدا ئېنىق مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قوش تىل ئوقۇتۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەنزۇچە دەرىسلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەسىس قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش؛ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل–يېزىقى ئارقىلىق تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دۆلەتنىڭ قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىلدۈرۈش، تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش ۋە نەشر قىلىشنى قوللاش كېرەك. ئارقىدىنلا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى يىرىك پىلان تېزىسى (2010–يىلىدىن 2020–يىلىغىچە)نى ئېلان قىلىپ، قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويۇشنىڭ نىشانى، ۋەزىپىسى ۋە پىرىنسىپىنى بەلگىلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2011–يىلى ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى (2010–يىلىدىن 2020–يىلىغىچە)››نى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى ئون يىللىق قوش تىل مائارىپىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە نىشانى، ۋەزىپىلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى ۋە قوش تىل مائارىپىنىڭ ئەندىزىسىنى تەسىس قىلىش، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل ئوقۇتۇشىنى مۇستەھكەملەش، قوش تىل ئوقۇتۇشى ماتېرىياللىرى ۋە ئوقۇتۇش بايلىقى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، قوش تىل مائارىپىنىڭ زامانىۋى يىراقتىن ئوقۇتۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەربىيەلەشنى تېزلىتىش، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش مېخانىزمى، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى باھالاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قوش تىل مائارىپى ئىلمىي تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بېرىش، قوش تىل مائارىپى، قوش تىل ئوقۇتۇش خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىش، قوش تىل مائارىپى خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئون تۈرلۈك خىزمەتنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كونكرېت خىزمەت تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇ پىلان قوش تىل مائارىپىنى ئىجابىي، ئىشەنچلىك، ئىلمىي، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپى تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە ئېچىپ بەردى.

  4. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوش تىل مائارىپى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

  يېڭى دەۋردىكى قوش تىل مائارىپى خىزمىتىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، ‹‹دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات توغرىسىدىكى يىرىك پىلان تىزىسى(2010–يىلىدىن 2020–يىلىغىچە)›› ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 7–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9–قېتىملىق ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنىڭ سۈپىتى ۋە دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، يەنە ئاز سانلىق مىللەت تىل–يېزىقىدىكى ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقى ۋە خەنزۇچە تىل – يېزىقنى پىششىق بىلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك؛ شىنجاڭنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ‹‹تۆتنى ئېتىراپ قىلىش›› تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ پىكىرلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ماسلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ قوش تىل مائارىپىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئەقلىي كۈچ ۋە ئىختىساسلىقلار تايانچلىرى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  5. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوش تىل مائارىپىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات نىشانى ۋە ۋەزىپىسى قانداق بېكىتىلدى؟

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوش تىل مائارىپىنىڭ تەرەققىيات نىشانى ۋە ۋەزىپىسى: 2012–يىلىغا بارغاندا، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش؛ 2015–يىلىغا بارغاندا، ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە قوش تىل مائارىپىنى ئاساسەن ئومۇملاشتۇرۇش؛ 2020–يىلىغا بارغاندا، قوش تىل مائارىپى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانىنى بارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سانىنىڭ %90ىدىن ئاشۇرۇش كېرەك. پائال ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، ھەر قايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ھەر قايسى پەنلەر ئۆز ئارا گىرەلەشكەن شىنجاڭچە قوش تىل ئوقۇتۇشى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىل–يېزىقىنى ئاساسەن پىششىق ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك، شارائىتى بارلار يەنە بىر خىل چەت ئەل تىلىنى ئىگىلىشى كېرەك.

  جايلار قوش تىل مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش نىشانىنى بېكىتكەندە، ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇشى كېرەك. شارائىتى ياخشى جايلار بۇنىڭدىن يۇقىرى نىشان بېكىتسە، شارائىتى ناچارراق جايلار شەرتنى تۆۋەنلەتسە بولىدۇ. جايلار قوش تىل مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش نىشانىنى بېكىتكەندە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش ۋە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتىن ساقلىنىش كېرەك، دېگەن ئومۇمىي پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشى شەرت.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە