باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

تاجىكىستان ۋە ئافغانىستان بىرلىشىپ، بىر زەھەر ئەتكەسچىلىك شايكىسىنى يوقاتتى

2012.12.11 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. تاجىكىستان ۋە ئافغانىستان ساقچىلىرىنىڭ بىرلەشمە ھەرىكىتىدە، تاجىكىستان- ئافغانىستان چېگراسىدا 400 كىلوگرام خىروئىن قولغا چۈشۈرۈلدى.

  ئافغانىستان تاراتقۇلىرى ئىچكى ئىشلار مىنىتىسرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى تازىلاش ھەرىكىتىدە 13 نەپەر زەھەر ئەتكەسچىسىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. بەش كۈنلۈك مەخسۇس ھەرىكەتتە، ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ۋە شۇرۇئازىك رايونىدا جەمئىي 420 كىلوگرام خىروئىن، ئەپيۇن ۋە نەشىنى قولغا چۈشۈرگەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 40 دىن ئارتۇق قورالمۇ بار ئىكەن.

  ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىتىسرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بۇ قېتىمقى ھەرىكەت ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى زەھەر ئەتكەسچىلىكىدىكى چوڭ جىنايى گۇرۇھنىڭ ھەرىكىتىنى توسۇپ قالدى، دېگەن. ئۇ يەنە بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت قانۇن يۈرگۈزۈش تارماقلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرلەشمە ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى، دەپ ئاتىغان.

  تاجىكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە 6 نەپەر ئافغانىستانلىق ساقچى يارىلانغان. ئىگىلىنىشىچە، ئىشغال قىلىش جەريانىدا، جىنايەت گۇرۇھىنىڭ بىر كاتتىبېشىنىڭ قېرىندىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

  بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە قولغا چۈشكەنلەر يەنە تۇتقۇن قىلىش، ئادەم سېتىش قاتارلىق باشقا جىنايەتلەرگىمۇ چېتىلىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە