باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

مۇستەقىل سۇ ئۈزەلەيدىغان توققۇز ئايلىق قوشكېزەكلەر

2012.12.12 13:52         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› 9-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ گلوۋسېستېر ۋىلايىتىدىكى سىرېنسېستېر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئاي-كۈنى توشماي تۇغۇلغان بىر جۈپ قوشكېزەك ئاكا-سىڭىل توققۇز ئايلىق ۋاقتىدىلا سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە 25 مېتىر ئارىلىققا مۇستەقىل ئۈزگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇرغان.

  بۇ بىر جۈپ شاكىچىك سۇدا يۇقىرى-تۆۋەن ئۈزۈشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن، كىچىك پۇتلىرىنى تېپىپ بەدىنىنى ئالغا ئىلگىرىلىتىدىكەن، ھەتتا سۇ ئاستىدا ئىنتايىن خۇشال كۈلىدىكەن. ئۇلار ئۆكتەبىردە سۇ ئۈزۈش مەشىقىنى يېڭىلا باشلىغان چاغدىلا سۇدا مۇستەقىل ئۈزگەن، دەسلەپتە ئاران بەش مېتىرغا ئۈزەلىگەن، كېيىن ئاستا-ئاستا 25 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قۇرامىغا يەتكەنلەر سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ تاق مۇساپىسىنى ئۈزۈپ تاماملىيالايدىغان بولغان. بىراق ئاپىسى ئۇلارغا ئۈزۈش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ شاكىچىكلەرنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسىگە ئاتا-ئانىسىلا ھەيران قالماي، ھەتتا 20 يىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان سۇ ئۈزۈش تىرېنېرىمۇ ‹‹ئەزەلدىن بۇنداق ئىشنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن›› دېگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە