باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

51 بۆرەكنى ئون نەچچە مىليون يۈەنگە ساتقان 15 جىنايەت گۇماندارى سوتقا تارتىلدى، دېلوغا چېتىلغانلار ئىچىدە دوختۇرلارمۇ بار

2012.12.13 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرى، 16 جىنايەت گۇماندارى 9 ئاي ئىچىدە 51 بۆرەك يىغىپ، 10 مىليون 340 مىڭ يۈەنگە ساتقان، ئۇلار ئىچىدە ئادەم ئورگانىزمى ھايانكەشلىرىدىن باشقا يەنە مۇنتىزىم دوختۇرخانا دوختۇرلىرى بار ئىكەن. تۈنۈگۈن، ئادەم ئورگانىزمىنى سېتىش جىنايىتىگە چېتىلغان بۇ 15 جىنايەتچى خەيديەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلدى. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بۇ دېلو ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئادەم ئورگانىزمىنى تەشكىللىك سېتىش جىنايى دېلوسى بولۇپ، سوت جەريانى تاراتقۇلارغا ئاشكارىلانمىغان.

  دەسلەپتە تەپتىش ئورگىنى ئەيىبلىگەن جىنايەت گۇماندارى 16 ئادەم بولۇپ، جاۋابكارلارنىڭ بىرى بولغان بىر دوختۇر سوت ئېچىلىشتىن بۇرۇن كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن، 15 جىنايەت گۇماندارى قالغان. (مۇخبىر سۈن سىيا)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە