باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆمۈريول مىنىستىرلىقى پويىز بېلىتىدە مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىش خەۋپى بارلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى

2012.12.13 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىفىرلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ يىشىۋېتىلىش خەۋپىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇجۇڭگو رادىيو تورى خەۋىرى، يېقىندا تورلاردا ئىككى ئۆلچەملىك كود ئوقۇش يۇمتاللىرى ئارقىلىق پويىز بېلىتىدىكى ئىككى ئۆلچەملىك كودقا يوشۇرۇلغان ئىسىم-فامىلە، كىملىك نومۇرى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى تولۇق يىشىۋەتكىلى بولىدۇ، بۇ ئۇچۇرلار قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، ئۇلار بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ساختا بانكا كارتىسى ياسايدۇ ياكى ئالدامچىلىق قىلىدۇ دېيىلگەن.

  بۇ ھەقتە تۆمۈريول مىنىستىرلىقى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچى خادىمى ۋاڭ خۇا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە پويىز بېلىتىدە يولۇچىلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرى مەخسۇس تېخنىكا ئارقىلىق بىر تۇتاش شىفىرلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىندى. بۇ تېخنىكىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك، شۇنىڭدەك ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئىقتىدارىمۇ ئاشۇرۇلدى. ئەمما زۆرۈرىيىتى يوق ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن يولۇچىلارغا پويىز بېلىتىنى قالايمىقان تاشلىماسلىقنى ئەسكەرتىمىز.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە