باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر 2012–يىللىق كۈزلۈك ھاۋا كىلىماتىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

2012.12.14 14:53        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 12–دېكابىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئاچقان كۈزلۈك ھاۋا كىلىماتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى باھالاش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل سېنتەبىردىن نويابىرغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولغان، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ھۆل–يېغىن مىقدارى بىر قەدەر كۆپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆل–يېغىن مىقدارى بىر قەدەر ئاز بولغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قار ئاپىتى، مۆلدۈر، بوران–چاپقۇن، قىرو ئۈششۈكى، كەلكۈن قاتارلىق ھاۋارايى ھادىسىلىرى كۆرۈلگەن. بۇ ھادىسىلەر شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ يىل شىمالىي شىنجاڭ باش قىرو مەزگىلىگە كېيىنرەك، جەنۇبىي شىنجاڭ بۇرۇنراق كىرگەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا قىش پەسلىگە بۇرۇنراق كىرگەن.

  بۇ يىل كۈزدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان. شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 6.9 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىللاردىكىدىن 0.6سېلسىيە گرادۇس تۆۋەن بولغان. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 10.4 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىللاردىكىدىن 0.3 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەن بولغان. شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ بۇ پەسىلدىكى ھۆل–يېغىن مىقدارى 56.3 مىللىمېتىرغا يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا ئازراق كۆپەيگەن. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ بۇ پەسىلدىكى ھۆل–يېغىن مىقدارى .0 4 مىللىمىتېرغا چۈشكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا %50 ئازايغان.

  مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە