باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاندنىڭ سابىق باش مىنىستىرى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش شىكايىتىنى ئىنكار قىلدى

2012.12.14 15:03        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تايلاندنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئاپسىت بىلەن سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سۇتې تۈنۈگۈن باڭكوكتا ئۆزلىرىنىڭ 2010-يىلى ئارمىيە دائىرىلىرىنى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلارنى باستۇرۇشقا بۇيرۇق بەرگەندە بىر تاكسى شوپۇرىنىڭ قازا قىلغانلىقى ھەققىدىكى شىكايەتنى ئىنكار قىلدى.

  ئاپسىت 10-دېكابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ھىچقاچان پۇقرالارغا زىيانكەشلىك قىلمىدۇق، لېكىن زوراۋانلىق توقۇنۇشى يۈز بېرىپ قوراللار خالىغانچە ئىشتىلگەندە زوراۋانلارنى توسۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈش ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى. ئۇ: گۇناھسىزلىقىمنى ئىسپاتلىيالايمەن دېدى.

  2010-يىلى مارتتىن مايغىچە قىزىل مايكىلىقلار پايتەخت باڭكوكتا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، شۇ ۋاقىتتىكى باش مىنىستىر ئاپسىتتىن پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. ئىككى تەرەپ نۇرغۇن قېتىم سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ نەتىجىسى بولمىدى. شۇ يىلى 19-ماي تايلاند ئارمىيىسى «قىزىل مايكىلىقلار»نى تارقاقلاشتۇردى، «قىزىل مايكىلىقلار»نىڭ رەھبىرىنى ئۆزىنى مەلۇم قىلشىقا مەجبۇر قىلدى. يىغىلىش مەزگىلىدە «قىزىل مايكىلىقلار» نۇرغۇن قېتىم قسىم بىلەن توقۇنۇشتى، توقۇنۇشتا يۈزگە يېقىن ئادەم قازا قىلغان، 2000گە يېقىن ئادەم يارىلانغان ئىدى.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە