- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دياۋيۈداۋ ئارىلى دېڭىزدىن ۋە ھاۋادىن تەڭلا چارلاندى
2012.12.14 14:41 مەنبە: خەلق تورى
|
دياۋيۈداۋ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئاراللارنىڭ جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش كېمە ئەترىتىنىڭ B3837-نومۇرلۇق ئايروپىلانىدىن تارتىلغان سۈرىتى. (سۈرەتنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)
|
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىر دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: بېيجىڭ ۋاقتى 13-دېكابىر سائەت 10لاردا، جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش كېمە ئەترىتىنىڭ B3837-نومۇرلۇق ئايروپىلانى دياۋيۈداۋ ئارىلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا يېتىپ بېرىپ، جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش كېمە ئەترىتىنىڭ دياۋيۈداۋ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان 50-، 46-، 66-، 137-نومۇرلۇق پاراخوتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، دياۋيۈداۋ ئارىلىنى دېڭىزدىن ۋە ھاۋادىن بىرلا ۋاقىتتا چارلىدى.(پەن شياۋتيەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە