باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇمىنىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىتتىپاق پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلدى

2012.12.13 14:06        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇمىنىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتى 11-دېكابىر كەچتە ئېلان قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئىستاتىستىكا نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە: ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سوتسىيال ئەركىنلىك ئىتتىپاقى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن 9-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ھەمدە پىرېزىدېنتپەرەس ئوڭ قانات ئىتتىپاقى %17 گە يەتمىگەن ئاۋاز بىلەن ئارقىدا قالغان. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنتقا يەنە خەلق پارتىيەسى بىلەن ۋېنگىرلار دېموكراتلار ئىتتىپاقى كىرگەن.

  بۇ قېتىمقى سايلامدا 2008-يىلى تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلگەن ئىسىملىك سايلام ئۇسۇلى قوللىنىلغان ۋە سايلىغۇچىلار پارتىيەلەر كۆرسەتكەن نامزاتلار ئىسىملىكىگە ئاۋاز بەرمەستىن، بەلكى بۇ قېتىمقى سايلام رايونىدىكى نامزاتلارغا بىۋاستە ئاۋاز بەرگەن، يەككە پارتىيە يېڭى تەشكىلاتلارنىڭ مەملىكەت بويىچە ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتى %5 گە يەتسە ئاندىن پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ھەمدە سايلامغا قاتناشقان ئىتتىپاقلار ئىتتىپاقدىكى پارتىيە گۇرۇھلاردا %8 دىن %10 گىچە قوللاشقا ئېرىشسە ئاندىن پارلامېنتقا كىرەلەيدۇ.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە